Responsive Image

«خىتاي مۇنبىرى» : شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟

«خىتاي مۇنبىرى» : شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز(Adrian Zenz) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 6-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى 6-دىكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا «خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىي ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى، يەنى يىللاردىن بېرى دۇنيادىن سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىل بىر يىغىندا ئۇيغۇر رايونىنى قانداق ئىدارە قىلىش ھەققىدە مەخپىي يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ قەبىھ جىنايەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن ۋە ناھايىتى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ 2014-يىل 5-ئايدا قىلغان سۆزىدە ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تۇتىدىغاننى تۇتۇش، كېسىدىغاننى كېسىش كېرەك› دېگەن. بۇنىڭ بىلەن، 2017-يىل، 2018-يىللاردا ئىجرا قىلىنغان بۇ سىياسىي تۇتقۇندا نۇرغۇن ئادەم تۇتۇلۇپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەركىزىي ھۆكۈمەت يول قويغان. خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجىمۇ ئەگەر لاگېرلارغا ئادەم توشۇپ كەتسە، ئۇلارغا گۇندىپاي سەپلەشكە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان. بىز ھازىرمۇ بۇ تۇتقۇننىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىرىنىڭ لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ‹قايتا تەربىيەلەش› ھەرىكىتى داۋامىدا تۇتۇلغانلار. كۆلەملەشكەن بۇ خىل تۇتقۇننىڭ تەسىرىدە، باشقا جايلارمۇ ئۇنى دورايدىغان ئەھۋال پەيدا بولماقتا، ئاندىن جىنايەتنىڭ دەرىجىسى يېنىكلەپ، ئىسپاتلار ئازايماقتا؛ خىتاي ھازىر خەلقئارا ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلسا، ‹ئۇيغۇرلار ھازىر لاگېردا ئەمەس، زاۋۇتلاردا؛ ئۇلار بۇ يەردە ئىشلىگىنىگە خوش› دەپ باشقىلارغا كۆرسىتەلەيدۇ. خىتاي ھازىر ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ، ‹بىز بۇ سىستېمىلارنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشكە باشلىدۇق› دېگەن ئۇچۇرنى بەرمەكتە».

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمېس مىلۋارد بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ قامال سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەرنى، جۈملىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان تەرىپى ئۇنىڭ چەكتىن ئاشقان ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقىدۇر. بۇ ئىجرائاتقا ئىلغار تېخنىكىلار، مەسىلەن، تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى، تېلېفون ئۇچۇر-ئالاقىسى قاتارلىقلار ياردەمچى بولدى. خىتاينىڭ بۇ تەلۋە سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئەسەبىي زۇلۇمى بىردەكلىككە ئىگە. بىراق مېنىڭ دىققەت قىلغان يېرىم، شۇنچە يىلدىن بېرى خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنى ‹ئەسەبىي ئۇنسۇر، تېررورىست› دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن ئۇلار نامايىش قوزغاپ، ‹بىز ھەممىمىز شىنجاڭلىق›، ‹بىز ئۈرۈمچىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن قايغۇرىمىز› دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، ‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى «ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسى» نى تازىلايمىز دەپ ھەرىكەت باشلىغانىدى، ئەمدى ھەقىقىي ۋىرۇس يامراپ تەھدىت سالغاندا، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان خۇشال ھالىتىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى، ئەمما بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۇلارنىڭمۇ ئادەتتىكى شەھەر پۇقرالىرىغا ئوخشاش خاتا سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى».

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بۇ سۆھبەتتە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ، شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىل ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شەكىللەنگەن ئىدىيەسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان مىللىي سىياسىتىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ شۇ مەزگىلدە دىنىي ئەسەبىيلىكنى زەھەرلىك ئەپيۇنگە ئوخشاتقان بولۇپ، ‹دىنىي ئەسەبىيلىككە كىرىپ قالغانلار مەيلى ئەر، ئايال، ياش قېرى بولسۇن، ۋىجدانىنى يوقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋىجدانى يوقالسا رەھىمسىزلىشىپ، ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ كۆزىنى مىت قىلمايدىغان بولىدۇ› دېگەن. شۇنداق دىيەلەيمەنكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئەشەددىي ھۇجۇم قىلىشى 2014-يىل باشلانغان. خىتاي ج خ مىنىستىرى جا كېجىنىڭ ‹2 مىليون ئادەم شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە پانتۇركىزم ئىدىيەسى بىلەن، 2 مىليون ئادەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن› دېگىنىگە قارىغاندا، خىتاي ئۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ۋە ئاتالمىش ‹ئەسەبىي ئۇنسۇرلار›غا كەڭ كۆلەملىك زەربە بەرگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلىۋالغان ‹ئەسەبىي ئىدىيە يۇقۇمى›نى يوقىتىش سىياسىتىنى كەلگۈسىدە خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋام قىلىدىغاندەك قىلىدۇ».

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا يەنە دەنۋېر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاۋ سۇيشېڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنى باشقۇرۇشتا ئىشقا سالىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەتلەر ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن باشلانغان. ئۇلار مۇشۇنداق سىياسەتنى داۋاملىق قوللانساق غەلىبە قىلىمىز دەپ قارايدۇ. ھەر ئىش ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە تەسلىشىپ كېتىدۇ. خىتاينىڭ يەنە باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. ئەگەر ئۇيغۇرلار بەدەل تۆلىسە غەلىبە قىلىدىغان ئىش بولسا، بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرەتتۇق. بۇ ئاخىرىقى چەك، ئەمما بىز ئۇنى كۆرەلمىدۇق. ئەگەر ئىقتىساد ۋەيران بولسا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئەمما ئىقتىساد قاچان ۋەيران بولىدۇ، بۇنى مەن تېخى كۆرمىدىم».