Responsive Image

ب د ت دا خىتاي ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتى

ب د ت دا خىتاي ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18– سىنتەبىر

ب د ت نىڭ 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىگە قارشى پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلىدى.

11-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى 36-نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ۋە قۇرۇلتاي خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندىلەر قاتناشماقتا ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 14-سېنتەبىردىكى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، 1990-يىلى تالىپ تەربىيىلىگەن گۇناھى ئۈچۈن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ تەكرار ئۇزارتىلىپ، ھازىرغا قەدەر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، 87 ياشقا كىرگەن ئابدۇسەمەت قارىھاجىمنىڭ بالىلارغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي قالپاق بىلەن خىتاي تۈرمىسىگە بەند قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى دەپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن خىتاي ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ بايانلىرىنى يالغانغا چىقارغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قايتا سۆز ھەققى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا نەق مەيداندا رەددىيە بەرگەن.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت دىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ئەپەندىمۇ 14-سېنتەبىردىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرىنى مەزمۇن قىلغان دوكلاتىنىڭ يىغىن ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ چىداپ تۇرالماي، ئارقا-ئارقىدىن سۆز تەلەپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ يىغىن ئەھلىدە سەلبىي تەسىرات قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم پىتېر ئېرۋىن، د ئۇ ق دا خىزمەت قىلىمەن. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن 36-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىمەن. بۈگۈن ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ‹2017-يىلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك مەسىلىسى› ناملىق يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي مەسىلە ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىق بايانلارغا خىتاي ۋەكىللىرى تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى سۆز تەلەپ قىلىپ، دولقۇن ئەپەندىنى يالغانچىغا چىقاردى. خىتايدا ‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە› دەپ بىلجىرلىدى. ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرى كىشىلەرگە سەلبىي تەسىرات كۆرسەتتى. چۈنكى، ئېكراندىكى پاكىتلىق مىساللار ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى. خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىدىن كېيىن، دولقۇن ئەيسا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پاكىت كۆرسىتىپ، خىتايلارنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ب د ت دىكى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ، مىسىردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ۋە تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قولىدىكى تىزىملىكلەرنى تاپشۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، ئىشلىرىنى مۇمكىن قەدەر تېزرەك ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.