Responsive Image

ب د ت نىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» غا بىر يىل بولغاندا يېڭى تەنقىدلەر دىققەت قوزغىماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2022-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى باھالاش دوكلاتى»  ناملىق مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن» دەپ بېكىتكەنىدى. ئەمما بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتايغا ھېچقانداق بېسىم قىلالمىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئورنى ۋە تەسىرىنىڭ يەنىلا مۇقىم بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى» تورىنىڭ 24-نويابىر كۈنىدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي ھەيئەت يىغىنىدا ئەنگلىيە قاتارلىق 51 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلىكى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشىنى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ  دوكلاتىغا جاۋابكار بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ماقۇللۇق جاۋابى بەرمىگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئورنىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ تەلەپنى بېسىقتۇرۇشقا، ب د ت نىمۇ ھەرىكەتسىز ۋە تەدبىرسىز ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق  ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) «خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە بىرەر ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى كۆرمىدۇق» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەقەدەر پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسەت بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «50 نەچچە دۆلەت بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇپ، خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بەردى. گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى جان-جەھلى بىلەن توسۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز داۋاملىق بىز بىلەن بىللە».

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېلەر يىل بىرىنچى ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىكەن. بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا خىتاي يەنىلا چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن.