Responsive Image

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتايدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتايدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدىب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت´ئاي ئەركىن(ئوڭدا) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 13-مارت، جەنۋە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ مەسىلە خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىنى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاياللار ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىلەرنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 30-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتى ۋە دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەر، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 12-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئاياللار ھوقۇقى تەرەققىياتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي 12-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا زور كۆلەملىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قاتناشقان. يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىسىگە دائىر كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئاقلىغان ئىدى.

ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 30-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ رايوندىكى «زورلاش خاراكتېرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلىيىتىگە دائىر شىكايەتلەر، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا جىنسىي زوراۋانلىق شەكىللىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بولۇپمۇ كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بەزەن تەن جازاسى تەشكىل قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، «بۇ مەزكۇر رايونلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلمەكتە» ئىكەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، رايوندىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، بالا چۈشۈرۈش، تۇغماس قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە خاتىمە بېرىشى؛ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇ خىل قىلمىشلارنى جىنايەت، دەپ بېكىتىشى؛ شۇنداقلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان 2-دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 3-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنالىست ۋە ئاتاقلىق مۇھەررىر قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباسنىڭ 31-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خورلىشىنىڭ «خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىشى» ۋە «ب د ت دا يېڭى بىر قەدەم بېسىلغانلىقى» بىلدۈرىدىكەن.

لېكىن روشەن ئابباس ب د ت نىڭ خىتايغا تەۋسىيە بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلان قىلىشى ھەم خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى دوكلاتتىكى مۇھىم تەۋسىيەلەرنىڭ يەنە بىرى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلاش سىياسىتىدۇر. دوكلاتتا، «ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش بارلىق ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل ئايرىمىچىلىقىغا ئىگە ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ جۈپتىنى ئەركىن تاللىشى، ئۇلارنىڭ توي قىلىشتا ئەركىن ۋە تولۇق رازىلىقى ئېلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاش دېلولىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەرنى سوتلىشى ۋە مۇۋاپىق جازالىشى» تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي توي قىلىشىنى رايوندىكى مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كەڭ كۆلەملىك يولغا قويغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا خىتاي بويتاقلىرىنى «شىنجاڭ» غا بېرىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە چاقىرىدىغان ئېلان-سەنئەتلەر ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ «رادىكاللىق» بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقى ياكى ئاتا-ئانىسىنى لاگېرغا قاماش بىلەن تەھدىت سېلىنىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان.

ھالبۇكى، بۇ خىل مەجبۇرىي تويلىشىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي تويلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەنگلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى دەيۋىد توبىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن ئىبارەت كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلىشى «بىئولوگىيەلىك ئىرقچىلىق» ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن يوقىتىشتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى توي قىلىپ يوقىتىشقا ئىشەنچ باغلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دەيۋىد توبىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ خىتاي سىياسىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەرەپلىرىنىڭ بىرى، خىتاينىڭ خىتايغا بەرگەن رەسمىي تەبىرىنىڭ نوقۇل كونا كوڭزىچىلىق نۇقتىئىنەزىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى پارتىيە دۆلىتىنىڭ خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارنى بىئولوگىيەلىك تېرمىن ئارقىلىق شەرھلەيدىغان بىئولوگىيەلىك ئىرقچىلىقتۇر. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى بىئولوگىيەلىك يوقىتىشتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى توي قىلىش ئارقىلىق ئېرىتىپ يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدە خىتاي بالىلىرىنى پەيدا قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچ باغلانماقتا.»

دەيۋىد توبىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي تويلىشىش سىياسىتى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. دەيۋىد توبىن مۇنداق دېدى: «پارتىيە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي تويلىشىش پروگراممىسى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان رايونلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كەڭ دائىرىلىك پىلانىنىڭ بىر پارچىسىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ باشقا بىر مەدەنىيەتكە سىڭىپ كىرىش، باشقا بىر مەدەنىيەتنى قوشۇۋېلىش پروگراممىسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان كونا قېلىپتىكى خىتاي شوۋىنىزمىدۇر. ئۇ، ئاتالمىش تاللاش ئوبيېكتى بولغان باشقا مەدەنىيەتلەرنى قالاق، ئارقىدا قالغان، مۇھىم ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى تەرەققىي قىلغان، ئىلغار خىتاي مەدەنىيىتى قوشۇۋالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.»

لېكىن روشەن ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى» ئىكەن.

ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 30-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى توختىتىشى ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشمۇ تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى چەكلەشنى، بۇ خىل تەدبىرلەرنى دەرھال توختىتىشنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان بارلىق ئاياللارنى قويۇپ بېرىشنى، خىزمەت ئورۇنلىرىدا، بولۇپمۇ كەسپىي ماھارەت ۋە قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئاياللارغا جىنسىي زوراۋانلىق، پاراكەندىچىلىك سالغان شەخسلەرنى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوتلاش ۋە جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

لېكىن ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 12-ماي كۈنىدىكى يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت سوئاللارغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل ئەنئەنە ۋە دىنىي كاشىلىلاردىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەركىن جۈپ تاللىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.