Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنغان ئەرزى قايتا كۈن تەرتىپكە كەلگەن

د ئۇ ق نىڭ خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنغان ئەرزى قايتا كۈن تەرتىپكە كەلگەندۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى قۇرۇلتاينىڭ ئارگېنتىنادىكى ئادۋوكاتلىرى گابرىئەل كاۋاللو (Gabriel Cavallo) ۋە جۇئان نىئەتو (Juan Nieto) بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى، ئيۇن

27-ماي كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىنلەردىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى قۇرۇلتاينىڭ ئارگېنتىنادىكى ئادۋوكاتلىرى گابرىئەل كاۋاللو (Gabriel Cavallo) ۋە جۇئان نىئەتو (Juan Nieto) بىلەن بىرقانچە قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ خىل قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان ۋە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سوتچىلار ھەيئىتىگە سۇنغان ئەرزىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئادۋوكاتلاردىن سوتنىڭ تەكشۈرۈشنى تېزرەك باشلىشى ئۈچۈن ئارگېنتىنا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ۋە سوتنى داۋاملىق تۈردە يېڭى دەلىللەر بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ ئارگېنتىناغا قىلغان 2-قېتىملىق زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى نامىدا ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز يەنە قايتا كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئارگېنتىنا زىيارىتىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىدىن بىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش توغرىسىدا سۇنغان ئەرزنامىمىزنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئارگېنتىنا زىيارىتىمىز جەريانىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، مەزكۇر سوت ھەققىدە ئادۋوكاتلىرىمىز ۋە بۇئېنوس ئايرېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناس پروفېسسورلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ ئارگېنتىنادا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى، ئىيۇن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ ئارگېنتىنادا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى، ئىيۇن

34 بەتتىن تەركىب تاپقان ۋە ئىسپانچە ھازىرلانغان دەسلەپكى ئەرزنامىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان ھەم جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مېڭ جىيەنجۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈن، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى لى جەنشۇ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەپەردىن ئارتۇق خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نىقاب ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنى قاتتىق باستۇرۇش، مىليونلاپ بىگۇناھ خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولاش، قىيناش ھەققىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چۈشۈرگەن بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرى تەپسىلىي ئورۇن ئالغان. ئەرزنامىدە يەنە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن قاتارلىقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئارگېنتىنا سود مەھكىمىسىدىن ئەرزنامىدە ئورۇن ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ھۆججەت ۋە دەلىللەر سۇنۇلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان بۇ ئەرزگە ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن توسالغۇسى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە رەت قىلالماسلىقىغا قارىغاندا، بۇ، مەزكۇر سوتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەرزنامىسىدە ئانىسى جازا لاگېرىدا ۋاپات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلخان، سايراگۇل ساۋۇتباي ۋە تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شاھىتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىمۇ تەپسىلىي ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سوتچىلار ھەيئىتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەنگلىيەلىك ئادۋوكاتى مايكىل پولاك ۋە ئارگېنتىنالىق ئادۋوكاتلىرى گابرىئەل كاۋاللو ۋە جۇئان نىئەتو مەزكۇر دېلوغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەرزنامىسىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ سوتنىڭ نەتىجىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئارگېنتىنا سوتىغا خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن ئەرزنامە سۇنۇش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور دەرىجىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىسى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 118-ماددىسى بويىچە ئارگېنتىنا ئەدلىيە مەھكىمىسى مەيلى كىم ياكى قايسى دۆلەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇنىڭغا ئاساسەن ئارگېنتىنا ئەدلىيە مەھكىمىسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان ئىسپانىيەلىك دىكتاتور فرانكىسكو فرانكو ۋە روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بىرما ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاتقانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارگېنتىنا سوتىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئارگېنتىنا سوتىغا خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش قارارى ئالغان ۋە لوندوندىكى داڭلىق ئادۋوكات مايكىل پولاك ئەپەندىنى ئەرزنامە ھازىرلاشقا مەسئۇل قىلغان، يەنە ئارگېنتىنادىنمۇ مەخسۇس ئادۋوكات تۇتقانىدى.