Responsive Image

باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سوتىدا تەرجىمە خاتالىقى يۈز بەرگەن

باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سوتىدا تەرجىمە خاتالىقى يۈز بەرگەن«ئادام قاراداغ» دېگەن نامدىكى تۈرك پاسپورتى بىلەن تايلاندقا كىرگەن بىلال مۇھەممەد(سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن مىرەلى يۈسۈف(ئىككىنچى رەت ئوڭدىن بىرىنچى) تايلاند ھەربىي سوتقا ئېلىپ كېلىنگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 16-فېۋرال، باڭكوك.

2015-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى، تايلاند پايتەختى باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولغان ئېراۋان بۇتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 7 يىلدىن بېرى تايلاندتا سوتلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئادەم قاراتاغ ئىسمى بىلەن تونۇلغان بىلال مۇھەممەت بىلەن يۈسۈپ مىرئەلىنىڭ سوتى، ئۇزۇن بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن 22-نويابىر قايتا باشلىنىپ، 26-نويابىرغىچە داۋاملاشقان. ئۇلارنىڭ 2-قېتىملىق سوتى 6-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە داۋام قىلغان. پارتلاشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان تايلاند ھەربىي سوتىدا سوتلىنىپ كەلگەن گۇماندارلارنىڭ دېلوسى، خەلق سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، تەرجىمان مەسىلىسى سەۋەبلىك بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلۈپ تۇنجى قېتىم قايتا باشلانغانىدى.

سوتنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىماننى قوبۇل قىلىشى، گۇماندارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن. بۇ نارازىلىقلارغا قارىتا تايلاند سوتى بىر تەرەپسىز ئۇيغۇرنىڭ سوتقا قاتنىشىپ، تەرجىمىنى نازارەت قىلىشىغا يول قويغان.

سوتتا تەرجىمىگە نازارەتچىلىك قىلىش ئىشى ئاۋسترالىيەدىكى جامائەت ئەربابى بەختىيار بۆرىگە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە دېكابىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قېتىملىق سوتقا قاتناشقانىدى. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەختىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، سوتنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىدۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

يۇقىرىدا، تايلاندتىكى ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ سوتىغا تەرجىمە نازارەتچىسى بولۇپ قاتناشقان بەختىيار بۆرە بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولدى. نۆۋەتتە، 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدىكى پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن ئادەم قاراتاغ بىلەن يۈسۈپ مىرئەلى، «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.