Responsive Image

ياۋروپا پارلامېنتى 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى  24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى  ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن، يەنى 15- دېكابىر كۈنى 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قامال سىياسىتىنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزىدە 14- دېكابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي يىغىنىدا ئانالىزچىلار تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى دەپ قارالغان 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش دېگەن باھانىسىدا 100 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قامال سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەر ھەققىدە ھازىرلانغان 20 ماددىلىق قارار لايىھەسى مۇزاكىرە ۋە تالاش – تارتىش قىلىندى. يىغىندا سۆز ئالغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر قارار لايىھەسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينى يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قەستەن ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختۇتۇشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ۋە ھۆر ياشاش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قامال سىياسىتىنىڭ ۋە بۇ جەرياندا يۈرگۈزگەن غەيرى ئىنسانىي قىلمىشلىرىنىڭ 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ۋە كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى ئەيىبلەنگەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك قامال سىياسىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان 20 ماددىلىق مەزكۇر قارار لايىھەسى بۈگۈن، يەنى 15 – دېكابىر چۈشتە ئاۋازغا قويۇلدى. نەتىجىدە مەزكۇر قارار لايىھەسى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ، ھازىرغا قەدەر پارلامېنتلار تەرىپىدىن 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى ھەققىدە ئېلىنغان تۇنجى قارار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ۋە مەزكۇر قارار ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا 27 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مەخسۇس دوكلات تۈسىنى ئالغان 20 ماددىلىق مەزكۇر قارار ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 100 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتى جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق ۋە داۋالىنالماسلىقتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇخىل سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئومۇمىي جەريانى كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
قاراردا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 24- نويابىر ئۈرۈمچى پاجىئەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 10 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ تەرەپلىمىلىك دەلىللەشلەردىن قارىغاندا ھەقىقىي ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 40 نەپەردىن ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

قارارنىڭ ئىزاھات قىسمىدا بولسا خىتاينى 1948 – يىلى ماقۇللانغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ۋە بۇيىل 31 – ئاۋغۇست ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش دېگەن باھانىسىدا 2020 -يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ناھايىتى كەسكىن ۋە ئۆتكۈر ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن زۇنۇنلاردىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى 14 – دېكابىر كەچتە ئىستراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە يىغىنىغا ۋە 15 – دېكابىردىكى ئاۋاز بېرىش يىغىنىغا كۆزەتكۈچىلىك سۈپىتى بىلەن گېرمانىيەدىن بىۋاسىتە بېرىپ قاتناشقان ئىدى.