Responsive Image

BASF نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىشى قارشى ئېلىندى، ئەمما ۋولكىسۋاگېنغا قارىتا ئەيىبلەشلەر كۈچەيدى

BASF نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىشى قارشى ئېلىندى، ئەمما ۋولكىسۋاگېنغا قارىتا ئەيىبلەشلەر كۈچەيدىد ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋولكىسۋاگېننىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان يىغىن زالى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. 2023-يىلى 10-ماي، بېرلىن، گېرمانىيە.

9-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى ماگناتى بولغان ‪BASF‬  ئۆزلىرىگە شېرىك بولغان ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ پايچېكىنى سېتىشنى تېزلىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى BASF نىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە ۋولكىسۋاگېن (VW) ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭمۇ «ئۇيغۇر دىيارىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى كېرەك» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

12-فېۋرال «كۈندىلىك ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى رېناتا ئالت (Renata Alt) ۋولكىسۋاگېننىڭمۇ «ئۇيغۇر دىيارىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى كېرەك» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «BASF نىڭ چېكىنىشى شۇنىڭ ئېنىق بېشارىتىكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىخۇدلۇق ۋە مۇرەسسە بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان غەرب شىركەتلىرىگە شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىنسانىيەتسىز باستۇرۇشلىرىنى جەمئىيەتكە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇيغۇر دىيارى ۋولكىسۋاگېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق غەرب شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش چەكلەنگەن بىر رايونغا ئايلىنىشى كېرەك.»

BASF نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىش قارارىنى ئېلىشىغا گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ژۇرنىلى ۋە «ZDF» تېلېۋىزىيە قانىلى ئالدىنقى ھەپتىدە ئېلان قىلغان BASF شېرىك بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە دائىر دەلىللەر سەۋەب بولۇپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قارارنىڭ ۋولكىسۋاگېنغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي تىجارەتلىرىگە خاتىمە بېرەلمىسىمۇ، ئاز دېگەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنى تاقاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ھېچقانداق گېرمانىيە شىركىتى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭمۇ «ئۇيغۇر دىيارىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى كېرەك» لىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسلىنارلىقى، ۋولكىسۋاگېن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى قەبىھ شارائىتلارغا كۆز يۇمغۇچى ۋە ئەرزان باھانىلەر ئارقىلىق ئېغىز تۇۋاقلىغۇچى سىياقىدىكى سەلبىي بىر سىما بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىپ كەلدى. ۋولكىسۋاگېن دۇچ كېلىدىغان بېسىملار ئەمدى ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ. ۋولكىسۋاگېن چوقۇم شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك! تىجارەتچىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەخلاقنىڭ بىر قىزىل سىزىقى بار، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغىنى-شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زوراۋانلىقىغا شېرىكلىشىش.»

دەرۋەقە، BASF نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چېكىنىشى ۋولكىسۋاگېنغا نىسبەتەن بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرى سەۋەبلىك ئۇزۇنغا قالماي ئۈرۈمچىدىكى تىجارەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىسسىيونىنىڭ مەسئۇلى فرانك شىباۋې (frank shibawé) بۇ خۇسۇستا «كۈندىلىك ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرى شىنجاڭدا ھېچقانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. قالايمىقان ۋە ئاپەت خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان شىنجاڭدا گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشى بولماسلىقى كېرەك. بۇ ۋولكىسۋاگېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»