Responsive Image

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىچى كۈنىدە 4 يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىلگەن

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىچى كۈنىدە 4 يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۈگۈن، يەنى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى پۈتۈن ۋەكىللەرگە د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلىدىن بۇيانقى 4 يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن.

قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى بويىچە، بۈگۈنكى يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلغان. ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەركىن ئالپتېكىن، ئەسقەر جان، فەرۇق سادىقوف قاتارلىق پېشقەدەملەرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە مىنەتدارلىق بىلدۈرۈلۈپ، تەقدىرنامە بېرىلگەن. ئاندىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2017-يىلىدىن بۇيانقى قۇرۇلتاينىڭ 4 يىللىق خىزمەتلىرىدىن ئومۇمىي دوكلات بەرگەن.

قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئومۇمىي دوكلاتىدىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ھەرقايسىي كومىتېتلارنىڭ 4 يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن. د ئۇ ق فوندىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل خادىمى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 4 يىللىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەن. د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 4 يىللىق تەپتىش خىزمەتلەىرىدىن دوكلات بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىن 200 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىل بىۋاسىتە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە كېلەلمىگەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ۋەكىللەر تور ئارقىلىق قاتناشقان.

7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ بۈگۈنكى ئىككىنچى كۈنىدە دوكلات بېرىش كۈنتەرتىپى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە ۋە تور ئارقىلىق قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلىغان. نەق مەيداندىن ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئەتە، يەنى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.