Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنىدە باشلاندى

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنىدە باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

11-ئاينىڭ 12-كۈنى 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دەل مۇشۇ خاتىرە كۈندە چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىنىش نۇتۇقى سۆزلىدى. د ئۇ ق نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دولقۇن ئەيسادىن كېيىن تەكلىپكە بىنائەن سۆزگە چىقىپ، د ئۇ ق نىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 150 ۋەكىلنىڭ بىۋاستە قاتنىشىدىغانلىقى، قالغان ۋەكىللەرنىڭ تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، 25 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل پىراگاغا يېتىپ كېلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئىدى. يىغىندا چېخىيە كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل فىشىر، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماركوس، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماركىتا گىرىگورىۋا، فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى فرىدېرك دوما، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامىر زۇبەيرى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئۈمىد ياردىم قاتارلىق خانىملار ۋە ئەپەندىلەر نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ھەرخىل نۇقتىلاردىن قاتتىق تەنقىدلەپ ئۆتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. زال ئىچىدە گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا يەنە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپادىكى بىر قىسىم داڭلىق سىياسىي شەخسلەر سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق سالاملىرىنى ئەۋەتىپ، 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش كۈنى بولغان 12-نويابىرنى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېغىشلىغان ئىدى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن «جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ساداسى»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: پاكىتلار، قېيىنچىلىقلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر»، «خىتاينى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش»، «خىتاينىڭ دېكتاتورلۇق خىرىسلىرىغا قارشى سىياسەتلەر» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلاتلار تەقدىم قىلىش، مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرگە 4 نەپەر لاگېر شاھىدلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى 22 نەپەر داڭلىق تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

بىز بۇ پائالىيەتلەر ئەسناسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن نەق مەيدان سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق. ئالدى بىلەن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. بىز يەنە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىدۇق. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز يەنە بۇ يىغىنغا كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن قىسقا سۆھبەتلەر ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار نەقمەيدان پروگراممىمىزدا بولسۇن.