Responsive Image

د ئۇ ق: «7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى تارىخىي بىر قۇرۇلتايغا ئايلاندۇرىمىز!»

د ئۇ ق: «7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى تارىخىي بىر قۇرۇلتايغا ئايلاندۇرىمىز!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 14-ئىيۇن كۈنى بولسا چېخىيە پارلامېنتى 38 گە قارشى 0 ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلغانىدى. 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن خىتاينى داۋاملىق بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ چېخىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى پىراگادا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

6-نويابىر كۈنى د ئۇ ق ئاخىرقى قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنى چاقىرىپ، 7-قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئالدى بىلەن 6-قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە 7-قۇرۇلتاينىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. يىغىن رىياسەتچىسى، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى 6-قۇرۇلتاي كەبى، 7-قۇرۇلتاينىمۇ «تارىخىي بىر قۇرۇلتاي» غا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 12-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە پىراگا شەھىرىدە داۋام قىلىدىكەن. يىغىنغا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن سايلام ئارقىلىق تاللانغان 200 دىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىل ۋە كاندىدات ۋەكىللەر بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن بەزى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، داڭلىق سىياسىيونلار، دىپلوماتلار، تەتقىقاتچىلار، سىياسىي ئاكتىپلار بولۇپ 50 كە يېقىن چەتئەللىكمۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدىكەن. «7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق تەييارلىق كومىتېتى» نىڭ رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئىلگىرىكى قۇرۇلتايلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

«7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، جەمئىي 207 نەپەر رەسمىي ۋەكىل ۋە 90 غا يېقىن كاندىدات ۋەكىلدىن 200 دىن كۆپرەكىنىڭ پىراگادىكى قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە قاناشماقچى بولغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى يەنە 50 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ ۋىزا قىيىنچىلىقى ۋە كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىغىنغا كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە تۇرۇپ تور ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ۋەكىللەر سانىنىڭ يېرىمىنى ياشلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاياللار سانىنىڭمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، ھەرقايسى ئەللەردىن كېلىدىغان ۋەكىللەر 11-نويابىر پىراگاغا يېتىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى كىتاب يەرمەنكىسى»، «ئۇيغۇر ئاۋازى رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىشى، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ پەقەت يېرىم كۈنلۈك پائالىيىتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مۇھاكىمە، مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ۋە د ئۇ ق نىڭ يېڭى خىزمەت ئىستراتېگىيەسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش مۇھىم كۈنتەرتىپ سانىلىدىكەن. قۇرۇلتايدا «لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئاۋازى»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: پاكىتلار، قىيىنچىلىقلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر»، «خىتاينى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش»، «خىتاينىڭ دىكتاتورىلىق خىرىسلىرىغا قارشى سىياسەتلەر» دېگەندەك تېمىلاردا كۆپلىگەن كەسپىي تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر دوكلات تەقدىم قىلىدىكەن ھەم نەق مەيدان ئانالىزى ئېلىپ بارىدىكەن. قۇرۇلتايدا يەنە ئۆتكەن 4 يىللىق خىزمەتتىن دوكلات بېرىلىدىكەن، د ئۇ ق نىڭ كېلەچەك پىلان-پروگراممىلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.

7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنى گەرچە 12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دىن ئىبارەت بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بىلەن باشلانسىمۇ، د ئۇ ق نىڭ چېخىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشلىنىدىكەن. 9-نويابىردىن ئېتىبارەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى پىراگادا ھازىر بولۇپ، بىر يۈرۈش مۇھىم سىياسىي ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن. 10-نويابىر ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇر مەشرىپى» مۇ بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.