Responsive Image

«يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

«يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

9-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا «بىزنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقچى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇ كەڭ كۆلەملىك دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات يىغىنىدا مۇزېيىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى بولغان ۋىجدان كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم بېرنشتېين كىرىش سۆز قىلىپ: «بىز بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدىكى جىددىي ئەندىشىلىرىمىزنى ئىپادىلىدۇق. دوكلاتىمىز قوغدىلىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپىلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغاندا ۋە ياكى تولۇق ھەرىكەت قىلمىغاندا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر» دېدى.

سىمون-سكجود مەركىزى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئاساسىدا بۇ 59 بەتلىك دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك پاكىتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىمون-سكجود ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى نائومى كىكولېر خانىم ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارغا «شۇ تاپتىكى ھەربىر مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى، ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز كىملىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ.» دېدى.

ئۇ ئىگىلەنگەن پاكىتلاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ ئىلگىرىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇزېيىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئېغىرلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتىن دەرھال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

نائومى كىكولېر خانىم يەنە مۇزېينىڭ 2020-يىلى 3-ئايدىكى دوكلاتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى قانۇنسىز تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قاتتىق مەھرۇم قىلغانلىقى بايقالغان بولسا، بۇ نۆۋەتتىكى دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە مەجبۇرىي تۇغماسلىق، جىنسىي زوراۋانلىق، قۇل قىلىش، قىيناش ۋە مەجبۇرىي يۆتكەش قاتارلىق جىنايەتلەرگىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئېغىر كۈلپەت قالدۇرغان جاراھەتنىڭ نەچچە ئەۋلادقىچە يوقىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز».

كىكولىر خانىم سۆزى ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىل، تەرەپسىز قۇرۇلغان ئورۇننىڭ توسالغۇسىز ھالدا رايونغا بېرىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارانى كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشكە چاقىردى: «يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ بىر كۈچلۈك دۆلەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشى، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى بۇ جىنايەتلەردىن قوغداشنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغان ئەھۋال داۋام قىلماسلىقى كېرەك. بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتى بەلكىم دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تېز، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكىتىگە باغلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ دوكلات ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش ھەرىكىتىگە قىلىنغان ئېنىق چاقىرىق بولۇشى كېرەك».

ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «تارىخنىڭ ھېلىھەم تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنداق ھەرىكەتسىز قېلىشى ئەينى چاغدا يەھۇدىيلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بېرىلگەن ‹ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىنى مەناسىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان شاھىتلاردىن رەي گۇلفارد خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «مەن ئۆتمۈشنىڭ ساۋاقلىرىنىڭ بۈگۈن دىققەتكە ئېلىنمايۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. تراگېدىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئىشلار قىلىنىشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيى قارمىقىدىكى مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەيدانى ۋە قارارلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.