Responsive Image

مۇتەخەسىسلەر: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ پىسخىكىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا

مۇتەخەسىسلەر: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ پىسخىكىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا «نىيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇھاجىرەتتە ئېغىر روھى بىسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى يورۇتۇلغان «كۈندىلىك ئازاب-ئوقۇبەت بۇلۇتى: خىتايدىكى باستۇرۇش چەتئەللەردە ھېس قىلىنماقتا» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى سەۋەبلىك بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇچرىغان روھى بېسىمىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ روھى ھالىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىنى كۈچەيتكەندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن غەم-ئەندىشە سەۋەبلىك ئۆزلىرىدە ئېغىرلىشىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەردىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارغا پسىخىكىلىق ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» ناملىق بىر گۇرۇپپا قۇرغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرىۋ خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە دىئاسپورادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر پسىخىكىلىق مەەسىلىسى بار. ئۇلارنىڭ بۇ پسىخىكىلىق مەسىلىسى ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، بالىلىرى، نەۋرە-تۇغقانلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ساۋاقداشلىرى، سودا شېرىكلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان».

ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېس قىلغان، ئۇيغۇرلاردا ھازىر كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ھەممەيلەننىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا تەسىر قىلدى. ئۇلارنى دائىم قارا بېسىپ قالىدىكەن، ئېغىر روھى بىسىم ئاستىدا ئۆزىنى ھېسسىي جەھەتتىن ناھايىتى ئاجىز ھېس قىلىدىكەن. بۇ خىل ئالامەتلەر بەزىلەردە كۈچلۈك بەزىلەردە ئاجىز كۆرۈلىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ھېچنېمە ھېس قىلمايدۇ، ئىچى قۇپقۇرۇق، ئۈمىدسىز ھالەتتە، ئۆزىنى خۇددى مېڭىپ يۈرگەن ‹مۇردا› دەك ھېس قىلىدۇ. بەزىلىرى ئىشلارنى ناھايىتى جىق ئويلايدىغان، ھەممە نەرسىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىسىدىن تۈرمىدە ياكى لاگېرغا قامالغانلار ئۈچۈن دائىم جىددىي بىر ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدىغاندەك ئېغىر بىسىم ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ خىل روھى ھالەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكادا ياشايدىغان دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك پسىخىكىلىق مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپىنچىمىزنىڭ پسىخولوگىيە ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن پسىخىكىلىق مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بەزىلەر مۇسۇلمانلاردا پسىخىكىلىق مەسىلە بولمايدۇ، دەپ قاراپ ئۆزىدىكى پىسخىكىلق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالماي قالىدۇ».

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ پروگرامما كوردىناتورى دوكتور مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاكىسى، تاغىسى ۋە ئىككى نەۋرە تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاشۇ ئېغىر كۈنلەرنى يالغۇز ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئېغىر روھى بىسىمغا ئۇچرىغان.

مۇستافا ئاقسۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ساغلام بىر روھىي كەيپىيات ناھايىتى مۇھىم. ئۆزىمىز ئۇچراۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ پىسىخىكا دوختۇرلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق خىجىل بولىدىغان يېرى يوق».

دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان «پىسخىكىلق مەسىلىلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يوللىرى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، پىسخكىلىق مەسىلىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا پسىخىكىلىق ياردەمدە بولغان. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە سەمىمىي بولۇپ، ئۆزىدە پسىخىكىلىق مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلىشىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر پىسخىكىلق مەسىلە بار. بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشمىز كېرەك. ئۆزى ئىشىنىدىغان دوستلىرىغا ئىچىنى تۆكۈشمۇ ياخشى ئۇسۇل، لېكىن يەنىلا پسىخىكىلىق دوختۇردىن ياردەم ئىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك يول.»

لۇئىسا گىرىۋ خانىم ئاخىرىدا پسىخىكىلىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشەببۇسى» نىڭ تور بىتى ئارقىلىق ئاشۇ گورۇپپىدىكى پسىخىكا دوختۇرلىرىدىن ھەقسىز ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە پسىخىكىلىق ياردەم سورىغانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ دوختۇر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈنلەي مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادرېسى، دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى قاتارلىقلار «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تور بېتىمىزگە قويۇلغان ئېلخەت ئادرېسى پۈتۈنلەي ئىشەنچلىك. ئۇيغۇرلار، مۇشۇ پروگراممىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەلۋەتتە ھېچكىمنىڭ چوقۇم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش ۋەزىپىسى يوق. لېكىن سىز ئۇ ئىشنى جىمجىتلا ئۆزىڭىز ئۈچۈن قېلىڭ. دوختۇر ھەتتا سىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمىڭىزنىمۇ سورىمايدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جامائەت بولۇپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى كۆپ قىلىدىكەن. ئۇيغۇر بىمارلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان پسىخىكا دوختۇرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ خىل قىزغىن ھايات ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئېغىر روھى بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلىشىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.