Responsive Image

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» قوبۇل قىلىندى

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» قوبۇل قىلىندىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى ماي.

25-مارت چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تور يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» قوبۇل قىلىندى.

مەزكۇر تور يىغىنىدا، 16 ماددىدىن تەركىب تاپقان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» يىغىنغا قاتناشقان ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئاۋازى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى ۋە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى بىلەن شۇ كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» نىڭ ھەر بىر ماددىلىرى ئۈستىدە 3 سائەتتىن ئارتۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» دە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك پرىنسىپلار ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا كۆرۈلىدىغان چارىلەر ناھايىتى تەپسىلىي ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر تۈزۈم قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. مەزكۇر تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قۇرۇلتاي تەپتىش ھەيئىتى نازارەتچىلىك قىلىدىكەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى بىزگە مۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى» نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويۇشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 19 يىلدىن بۇيان كۈنسايىن كۈچەيدى، بۈگۈن دۇنيادا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تەمسىل قىلىدىغان، بۇ يولدا خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بىر تەشكىلات ھالىغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى يوق قىلىش ۋە ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇنداق بىر تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ تېخىمۇ سەگەك بولۇشى، تېخىمۇ ئىنتىزامچان بولۇشى ۋە خەلقئارادىكى بىردىن بىر ئاۋازى ۋە ۋەكىللىك رولىنى ئۆتۈشى ئۈچۈن بۇنىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ھوشيار بولۇشى، سۆز-ھەرىكەتلىرىدە سالماق بولۇشى، ئىنتىزامچان بولۇشى كېرەك. گەرچە بۇلار نىزامنامىمىزدا يېزىلغان. لېكىن بۇنىڭ بىر يېشىمىگە، تەپسىلىي ئىزاھاتىغا ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. شۇڭا د ئۇ ق رەھبەرلىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان 16 ماددىلىق تەشكىلىي تۈزۈمنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە ماقۇللاپ يولغا قويدۇق».

2023-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان مەزكۇر تەشكىلىي تۈزۈم قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ بۇ سوئالىمىزغا مەزكۇر تەشكىلىي تۈزۈمنى يېزىپ رەتلەپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى د ئۇ ق رەھبەرلىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە تۈزۈملەر ۋە كۆرۈلىدىغان چارىلەرنىڭ تەپسىلىي ئىزاھلانغانلىقىنى، بۇنىڭ د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق 2004-يىلى شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئەينى زاماندا مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن قۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ نىشانىنىى دۇنيادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بىردىن بىر ھوقۇقلۇق ئورگىنى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، 19 يىلدىن بۇيان بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، مەلۇم دەرىجىدە مەقسىتىگە يەتكەن.