Responsive Image

كالىفورنىيە شىتات مەجسلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قارار لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

كالىفورنىيە شىتات مەجسلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قارار لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتىئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 27-مارت، كالىفورنىيە شىتاتى.

دۈشەنبە، يەنى 27-مارت كۈنى كالىفورنىيە شتات مەجسلىسىدە مەجلىس ئەزاسى جېسسې گابرىئېل (Jesse Gabriel ) تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان HR25 نومۇرلۇق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسى يىغىنغا قاتناشقان 79 نەپەر مەجلىس ئەزاسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان.

قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن كالىفورنىيە شىتات مەجلىسىدە ئېچىلغان يىغىندا، يەھۇدىيلاردىن كېلىپ چىققان مەجلىس ئەزاسى جېسسې گابرىئېل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان HR25 نومۇرلۇق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىندى. مەزكۇر قارار لايىھەسىدە ھەرقايسى شتاتلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشكە ۋە دۇنيادىكى داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلغانىكەن.

يىغىننىڭ نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشىدە، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى جېسسې گابرىئېل نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا چەكلەش تەدبىرى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار. 2023-يىلى 27-مارت، كالىفورنىيە شىتاتى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار. 2023-يىلى 27-مارت، كالىفورنىيە شىتاتى.

جېسسې گابرىئېل سۆزىدە خىتايدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى مەزگىلىدىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش، ئانا تىلىنى قوللىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، نۆۋەتتە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئىنساننىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە يىغىن مەيدانىدىكى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان جېسسە گابرىئېل ئەپەندى سۆزىدە يەنە يىغىنغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 27-مارت، كالىفورنىيە شىتاتى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 27-مارت، كالىفورنىيە شىتاتى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە ئۆزلىرىنىڭ 27-مارت كۈنى يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى كالىفورنىيەدىكى بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھەسىگە ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيە ۋە فىرانسىيەدىن كېلىپ، يىغىنغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

قەلبىنۇر خانىم، ئۆزلىرىنىڭ كالىفورنىيە شىتات مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بولسا، ئۇلار كۆرۈشكەن مەجلىس ئەزالىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئەرلەر لاگېرى ۋە ئاياللار لاگېرىغا ئايرىم-ئايرىم قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.