Responsive Image

د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرىلىدى1950-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان 5-كورپۇس (مىللىي ئارمىيە) نىڭ كوماندىرلىرى (ئوڭدىن سولغا گېنېرال مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، گېنېرال لېسكىن، گېنېرال زۇنۇن تىيىپوف، نۇسىپقان كۈنبايېف، رەفىق بايچۇرىن)

8-ئاپرېل كۈنى، 1945-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا مىللىي ئارمىيەنىڭ بايرام كۈنىدۇر. 8-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن قەھرىمان ئەجدادلارغا، ئازادلىق يولىدا قۇربان بولغان پۈتۈن شېھىتلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «1945-يىلى ئەتىيازدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشنى قارار قىلدى. ئاندىن كېيىن ھەربىي ئىشلار قانۇنى ئېلان قىلىپ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىدىن تەشكىل تاپقان قۇدرەتلىك مىللىي ئارمىيە ئارقىلىق، ئۈچ فىرونت بويىچە جەڭ قىلىش پىلانى تۈزگەن ئىدى. 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى، شۇنداقلا ھەر قايسى پولكلارغا بايراق تاپشۇرۇلدى. مىللىي ئارمىيە ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. جىڭ، شىخۇ، چۆچەك، ئالتاي، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كەڭ-كۆلەملىك جەڭلەرنى ئېلىپ بېرىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلدى. مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى 12-ئايدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئىككى دىۋىزىيەگە ئايرىلىپ، كېيىن پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەمەدى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 1944-يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلاب ئارقىلىق ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزغا ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا قۇربان بولغان بارلىق ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ. مىللىي ئارمىيە بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!»

ئۇ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، كۈرەشچان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھامان بىر كۈنى يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى ۋە مىللىي ئارمىيەسىنى جەزمەن قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئارمىيە بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى، شۇ دۆلەتنىڭ خەلقلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا ئەركىن، زۇلۇمدىن خالىي ۋە پاراۋان ياشىشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئارمىيەسى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالىي بولالايدۇ، خەلقلىرىمۇ زۇلۇمدىن خالى ۋە پاراۋان ياشىيالايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، قازاقىستاندىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابى قەھرىمان غوجامبەردى، ھازىرغا قەدەر مىللىي ئارمىيە ھەققىدە كۆپلىگەن كىتاب ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى، ھەر يىلى مىللىي ئارمىيە بايرىمىدا تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئەلى قەشقەرلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچۈك ۋە مۇنتىزىم بىر ئارمىيە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولغان «8-ئاپرېل كۈنى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خاتىرىلەنمەكتە. ئەلى قەشقەرلى ئەپەندى، بۇنىڭ ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن يېتىشتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئەسلىمىلەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى سېپىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن باشقا يەنە تاتارلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، رۇسلار، موڭغۇللار، شىۋەلەر، تۇڭگانلار ۋە باشقا مىللەتلەردىنمۇ ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەر بولغان. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تىرانسپورت جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن 1949-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا توسالغۇسىز بېسىپ كىرگەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقا قالغان يەتتە ۋىلايەتنى تېزلا كونترول قىلغان. 1949-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، دەسلەپ ئىككى دىۋىزىيەگە قىسقارتىلغان، ئاندىن بارا-بارا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ كېيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش سىناقلىرىدىن ئۆتكەن كۆپلىگەن تەجرىبىلىك ئوفىتسېرلىرى بىلەن جەڭگىۋار جەڭچىلىرى كېيىنچە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان ياكى يوق قىلىۋېتىلگەن.