Responsive Image

خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىنى قوغداش قارارى، «مۈجمەل» ھەم «كېچىكىپ چىقىرىلغان قارار» دەپ قارالماقتا

خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىنى قوغداش قارارى، «مۈجمەل» ھەم «كېچىكىپ چىقىرىلغان قارار» دەپ قارالماقتافىرانسىيەلىك كەسپىي فوتوگراف پاترىك ۋاك(Patrick Wack) لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا تارتقان لاگېر سىرتىدىكى ئەركىن بازارنىڭ كۆرۈنۈشى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا نىزامنامە ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت خاسلىقىنى قوغداشنى قارار قىلغان. پەقەتلا قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى قوغداشقا خاس بولغان بۇ نىزامنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى» نى قوغداش، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ جانلىق مۇھىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى «لايىھەلەش، قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىشلىتىش» جەھەتلەردە قانۇنى رامكا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ نىزامنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ئۇنىڭ كېچىكىپ چىقىرىلغان بىر قارار ئىكەنلىكى ھەم قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن جانلىق قەدىمى مەدەنىيىتىنى «مۇزېيلاشتۇرۇپ»، نوقۇل ساياھەت ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-مارت كۈنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان 31 ماددىلىق مەزكۇر نىزامى، بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن. نىزامدا قوغداش دائىرىسىدىكى ئوبيېكتلار 6 تۈرلۈك كاتېگورىيەگە بۆلۈنگەن. بۇ 6 تۈرلۈك كاتېگورىيە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي قىياپىتى، ھالىتى، تەبىئىي ھەم ئانتروپولوگىيەلىك مەنزىرىسى، تەبىئىي مۇھىتى، كۆچمەس مەدەنىيەت مىراسلىرى، تارىخىي بىنا، قەدىمىي دەرەخ، ئەنئەنىۋىي مەھەللە، كوچا، ھويلا، ئۆي-ئىمارەت، قۇرۇلۇش شەكلى، دۇكان، ئىشخانا، چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت، شۇنىڭدەك ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇن قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن، ئەمما ئۇنىڭ قايسى كونكرېت ئوبيېكتلارنى قوغداش نىشانى قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. نىزامنامىدە پەقەت كونكرېت قوغدىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش، قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ، قوغداش خىزمىتىدىكى «نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەر» نى بىر تەرەپ قىلىشقا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات تۈرىنىڭ دىرېكتورى، پىروفېسسور شان روبېرتس (Sean Roberts) نىڭ قارىشىچە، بۇ نىزام نۇرغۇن جەھەتلەردىن بەك كېچىكىپ چىقىرىلغان بىر قارار ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قارار نۇرغۇن جەھەتلەردىن بەك كېچىكىپ چىقىرىلغان بىر قارار. سىزمۇ بىلگەندەك دۆلەت 2019-يىللىرىدىن باشلاپ (قەشقەر) قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشقا باشلىغان. مەن بۇ (نىزام) ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ۋە بۇ رايوننى قوغداۋاتىمىز، دەيدىغان تىرىشچانلىق بىلەن باغلىنىشلىق دەپ ئويلايمەن». پىروفېسسور روبېرتس، مەۋجۇت ۋەزىيەتتە بۇ نىزامنىڭ قەشقەرنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرقى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قارىماققا «ھەقىقىيدەك» كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ قەشقەرنىڭ تارىخىي ۋە قەشقەر خەلقى بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە باغلىنىشلىق ئەمەس ئىكەن. 1990-يىللىرىدا قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ شەھەردە ئانتروپولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولغان پىروفېسسور روبېرتس 10-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەر بىلەن ھازىرقى قەشقەرنىڭ پەرقلىق ئىككى ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمىي ئەنئەنىلىرىنىڭ (قەشقەردىكى) يەرلىك شەكلى ئاساسەن ۋەيران قىلىندى. مېنىڭچە، دائىم تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتقىنى شۇكى، ھۆكۈمەت تەرەپ ‹ھەقىقىيدەك› كۆرۈنىدىغان بىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەرپا قىلىشقا قىزىقىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ بۇ رايون ۋە بۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. ھالبۇكى، بۇ خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى پەقەت ساياھەت ئىقتىسادى ئۈچۈن پايدىلىق».

مەلۇم بولۇشىچە، زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى قايتا ياساش ۋە ئۇنى ساياھەتكە ئېچىش خىزمىتى خىتاينىڭ بېيجىڭنى بازا قىلغان «جوڭكۇن شىركىتى» تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا ئىكەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكىي (Henryk Szadziewski)، قەشقەرنى قوغداش بىر «ئىجابىي قەدەم» بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەقەت قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىر «ئىجابىي قەدەم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ھېنرىك شاجېۋىسكى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ پەقەت بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بىر ‹ئىجابىي قەدەم› ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مەسخىرىلىك يېرى، بۇ كىشىلەر يېڭى ياسالغان قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىگە مەبلەغ سالغان. بىزگە مەلۇم بولغاندەك قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 2008-يىلى چېقىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، يېڭى ياسالغان قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرى پەرقلىق يېڭى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلەندى. ساياھەتچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقانلار نەق شۇلار.»

ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ تەرەققىيات ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان تەرەپلىرىگىلا يول قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ئۇ 10-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان تەرەپلىرىلا ساياھەتچىلىك ۋە پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىسى بۇنىڭ تىپىك نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2011-يىلى 3-ئايدا قارار ماقۇللاپ، قەشقەر شەھىرىنى چېقىشنى توختىتىشقا چاقىرىشىدىن 13 يىل ‍ئۆتكەندىن كېيىن چىقىرىلغان. ياۋروپا پارلامېنتى شۇ قېتىملىق قارارىدا، قەشقەر شەھىرىنىڭ تېخىمۇ ۋەيران بولۇشىدىن قوغداش ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن قەشقەرنى ب د ت پەن مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قەدىمى يىپەك يولىنى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئەينى ۋاقىتتا، بېيجىڭنىڭ «قەشقەر شەھىرىنى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ يىپەك يولىنى UNESCO مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىغا قوشۇشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى» نى سورىغان، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەنىدى. ھېنرىك شەجىۋىسكى، خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىپ، قەشقەر شەھىرىدە نېمىنى قوغدىماقچى بولغانلىقى ۋە قوغداشتىكى چىقىش نۇقتىسىغا سوئال قويدى.

شاجىۋىسكى مۇنداق دېدى: «ھېچبىرىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنىلەردىن كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى سىرتىدا يەنە نېمىلەرنىڭ قالغانلىقىنى بىلىشى مۈشكۈل. ھالبۇكى، بىز خىتاي دۆلىتىنىڭ كىشىلەرگە قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ بىرىنچى مەقسىتى مەبلەغنى قوغداش، ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ قوغدىماقچى بولغىنى دۆلەت بېكىتكەن ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدۇر. بۇلار ئۇيغۇر، دەپ بەلگىلەنگەن ۋە ئۇيغۇردەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنە ئەمەس.»

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» دا قەيت قىلىنىشىچە، قوغداش رايونىدىكى كوچا ۋە مەھەللىلەر ئەنئەنىۋى ھالىتىنى ساقلىشى، تارىخىي ئۇسلۇبى، بوشلۇق كۆلىمى، كوچىلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە كوچا بويلىرىدىكى تۈۋرۈكلەر تارىخىي ئۇسلۇبىنى قوغدىشى، دۇكانلارنىڭ تاختىسى، ئىشىك ئالدىنىڭ بېزىلىشى، چىراغ رەڭگى ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەر قەدىمىيلىك قىياپىتى ھەم مۇھىت كەيپىياتىغا ماسلىشىشى، قوغداش ئوبيېكتى بولغان قۇرۇلۇش، ئىمارەت ياكى مەنزىرىلەرنى چېقىش، ئۆزگەرتىش ۋە ياكى ئۇنىڭ مەنزىرىسىگە دەخلى قىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلىش چەكلىنىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكادىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات 9-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، قەشقەرنى UNESCO نىڭ قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز 9-ئاپرېل كۈنى UNESCO بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. UNESCO نىڭ ئالاقە ئىشلىرى ئەمەلدارى فرانشىس ۋىبائۇ (Francios Wibaux) 11-ئاپرىل ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە» ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزنى ئالاقىدار دائىرىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە جاۋاپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي قەشقەرنى قوغداشتا سەمىمىي بولسا، مەدەنىيەتنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق قوغدىشى، قول يازما ۋەسىقىلەرنى، كونا مەدرىس ھەم مەسچىتلەرنىڭ ئىزلىرىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

ھالبۇكى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شان روبېرتس، ھازىرقى ھالەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ قاراشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەدەنىيەتنىڭ «مۇزېيلاشتۇرۇلۇش» تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى يادرولۇق مەسىلە، ھازىرقى ھالەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ قاراش بىمەنىلىك. ھازىر بىز كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىككە ئائىت نۇرغۇن خاھىشلارنى كۆرۈۋاتىمىز». شان روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، «ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتايدا دۇچ كېلىۋاتقان خەتەر، ئۇنىڭ مۇزېيلاشتۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ھەرىكەتچان جانلىق بىر مەدەنىيەت بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بىر تۈرگە ئايلاندۇرۇلۇشى بولماقتا» ئىكەن.

لېكىن «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالاقىدار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ نىزامنى «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسئۇلىيەت ئېنىقسىزلىقى، رۇخسەتسىز رېمونت ئىشلىرىنىڭ بىناكارلىق قىياپىتى بىلەن تارىخىي خاسلىق ئۆز-ئارا ماسلاشماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تولۇق ئەكس ئەتمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانۇنغا ئاساسەن ھەل قىلىش ئۈچۈن» چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» سېلىش نامىدا قەشقەر شەھىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى كۆچۈرۈش پىلانىنى 2008-يىلىدىن باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ 85 پىرسەنتىنى چېقىشقا ئۆتكەنىدى.