Responsive Image

د ۇ ق «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلىماقچى

د ۇ ق «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلىماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى باشلاتقان تەتقىقات پروگراممىسىنى تېزلەتتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنىڭ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىغىچە يېزىلىپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2021-يىلىنىڭ بېشىدا چەتئەللىك قانۇنشۇناسلار، ئادۋوكاتلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلاردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا. ھازىر بۇنىڭ تارىخىي، قانۇنىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئاساسلىرىنى دەلىللەپ چىقىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك تەتقىقات باشلاتقان. مەزكۇر گۇرۇپپا ھازىرغا قەدەر مەزكۇر پروگراممىنىڭ كۆپ قىسمىنى يېزىپ بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەمما بۇنى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئىسپاتلار بىلەن خەلقئارا قانۇنغا چۈشۈرۈپ يورۇتۇپ بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسلانغاندا شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىندۇر. لېكىن تېخىچە ب د ت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىنغىنى يوق. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالاشتى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا تارىخچى، قانۇنشۇناس ئادۋوكات ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ، دوكلات تەييارلاشقا باشلىغانىدۇق. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە كۆپى يېزىلىپ بولدى. مەزكۇر دوكلات يېقىندا يورۇققا چىقىدۇ».

خەۋەرنىڭ تولۇقىنى ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/besiwelinghan-zimin-07222022162912.html