Responsive Image

د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچە رەسمىي يولغا قويۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

د ئۇ ق ئىچى ۋە تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە، دەسلەپكى قەدەمدە 2005-يىلى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا تور بېتىنى يولغا قويغاندىن كىيىن، قەدەم باسقۇچ بىلەن گېرمانچە، خىتايچە ۋە ياپونچە تىللاردا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى، پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مەتبۇئاتلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى يۈكسىلىپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى، ھېسداشلىقى كۈنسېرى ئېشىشقا باشلىدى. ھەر خىل تىللاردىكى تەشۋىقاتنى كۈچلەندۈرۈش بىر مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئېھتىياج سەۋەبىدىن، د ئۇ ق ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ھەر خىل تىللاردا كىتاب، كىچىك كىتاپچىلار، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، خەۋەرنامە، دوكلاتلار نەشر قىلىش، باياناتلار ئېلان قىلىش  قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېقىقى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەر دائىرىسىدە د ئۇ ق تور بېتىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. يۇقىرىقى ئېھتىياجلار سەۋەبىدىن د ئۇ ق 5 خىل تىلدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق تور بېتىنى يەنىمۇ بېيىتىش مەقسىتىدە باشقا تىللاردىمۇ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

بۇ قارار بويىچە بىر-قانچە ئايلىق جاپالىق ۋە خالىسانە ئەمگەك نەتىجىسىدە د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچىسى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسمىي خىزمەتكە ئېچىلدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنلارنىڭ فرانسىيىگە ئېلىپ بارىدىغان سەپىرى ھارپىسىدا د ئۇ ق تور بېتىنىڭ فرانسۇزچە نەشر قىلىنىشى، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

د ئۇ ق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تور بېتىمىزنى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىسپانچە قاتارلىق تىللاردىمۇ يولغا قويۇشنى پىلان قىلماقتا.

د ئۇ ق تور بېتى، مىللىتىمىزنىڭ تور بېتى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى رەسمىي ئاۋازى. بۇ تور بېتىنى كۈچلەندۈرۈش، مەزمۇن ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇڭا بارلىق ۋەتەنپەرۋەر يۇرتداشلىرىمىزنى ئوز ئىقتىدارىنى، ئىمكانىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ د ئۇ ق پائالىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە خالىسانە ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىمىز.