Responsive Image

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدىدولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتارلىق د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 2023-يىلى 27-سېنتەبىر، جەنۋە.

نۆۋەتتە جەنۋەدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا قارىماستىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ 27-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئايرىم يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، جۈملىدىن ب د ت نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى. دولقۇن ئەيسانىڭ نۇتقى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

28-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتايغا يەنە بىر زەربە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋە قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم تەرىپىدىن بېرىلدى.

28-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېچ بىر سەۋەبسىز ۋە گۇناھسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ئېغىر قىيناشقا، خورلاشقا، ھەتتا تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي تۇغماس قىلدۇرۇلغانلىقىنى، سەبىي بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قۇرۇق تۆھمەتلەر بىلەن مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زۇمرەتئاي خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ب د ت ئاياللارنىڭ كەمسىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ، ب د ت دوكلاتچى خادىملىرىنىڭ ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتلىرىدا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئورۇن ئالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇخىل قىلمىشلىرىنىڭ ب د ت ئاياللارنىڭ كەمسىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا تامامەن قارشى بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئەپسۇسكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ تەۋسىيەلىرىگە ۋە خەلقئارانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت د غا تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى ھەقىقىي ساننى ئېلان قىلىشى لازىم؛

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇكاپاتلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش سىياسىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى لازىم؛

ئۈچىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلدۇرۇش سىياسىتى دەرھال بىكار قىلىنىشى لازىم؛

تۆتىنچىدىن، ئاتالمىش ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› دېگەن باھانە بىلەن ناھەق ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق مەھبۇسلار دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى لازىم؛

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي خانىم رادىيومىزغا بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم ب د ت يىغىنىغا سىن ئارقىلىق قاتناشماقتا. 2023-يىلى 27-سېنتەبىر، جەنۋە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم ب د ت يىغىنىغا سىن ئارقىلىق قاتناشماقتا. 2023-يىلى 27-سېنتەبىر، جەنۋە.

بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى باشلانغان 11-سېنتەبىر كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك 11-سېنتەبىر كۈنى يىغىندا قىلغان ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ھېلىھەم ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن، ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ۋەكىلىمۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى جەنۋەدە باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنى 6-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 10-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇددىتى توشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەزا دۆلەتلەر سايلاپ چىقىلىدۇ، ئەزالىق مۇددىتى توشقان خىتاي يەنە قايتا ئۆزىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىرقانچە ئاي بۇرۇنلا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا جىددىي لوبىچىلىق ھەرىكىتى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي بۇ قېتىم يەنە قايتا ئۆزىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم يەنە يېقىندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋاللارنى نورماللاشقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ھالنى كەسكىن تەنقىدلىدى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرىدا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشى ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ بولغان ئىش، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سايلانماقچى بولغان نامزاتلار ئاز دېگەندىمۇ سايلام بېلىتىنىڭ 50 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان بۇنداق بىر نامزاتقا ھېچقانداق دۆلەت بېلەت تاشلىماسلىقى كېرەك».