Responsive Image

رەيچېل ھاررىس: يۇنېسكو خىتاينىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك

رەيچېل ھاررىس: يۇنېسكو خىتاينىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكخىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ باش شتابىدا سۆزلىمەكتە. 2014-يىلى 27-مارت، پارىژ.

21-سېنتەبىر كۈنى، «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى «خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخىنى يېڭىدىن يېزىش ئۈچۈن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نى قانداق سۇيىئىستېمال قىلدى؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى خىتاي تارىخى جەھەتتە مۇستەھكەملەش، تارىخنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە بۇرمىلاش ئۈچۈن يۇنېسكودىن قانداق پايدىلانغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى تارىخىي مىراسلارنى خىتايغا تەۋە قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا يۇنېسكو دۇنيادىكى مەشھۇر يادىكارلىقلارنى تىزىمغا ئېلىشقا باشلىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھەدەپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي يۇنېسكوغا ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ۋەكىللەر ئەۋەتىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. يۇنېسكومۇ خىتاي ئۈچۈن كۆپلىگەن تارىخىي مىراسلارنى تىزىمغا ئېلىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە سەددىچىن سېپىلى ئەڭ باشتا كېلىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم خىتاي بىلەن يۇنېسكونىڭ 80-يىللاردىلا يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ھازىر «جۇڭگو تارىخى»، «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى»، يەنى خىتايدا 90 نەچچە پىرسەنت نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان خىتاي مىللىتىنىڭ تارىخىغا يۇغۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولمىغان ھەمدە خىتايلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنمىغان ئەھۋالدا، بۇلار كوممۇنىست خىتاينىڭ تارىخ كىتابلىرىدا خىتاي تارىخىنىڭ ئايرىلماس قىسمى شەكىلدە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «غەربىي قىسىمدىكى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق نوپۇسنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مۇسۇلمانلىق ئېتىقادى ئۇلارنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىپ قالدى. مانجۇ ھۆكۈمرانلىرى ئۇ يەرنى ‹شىنجاڭ›، يەنى يېڭى تېررىتورىيە دەپ ئاتىدى. 10 يىلدىن بۇيان خىتاي بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۈچەپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىدى».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى تەڭرىتاغنى «دۇنيا مىراسى» قىلىش ئۈچۈن يۇنېسكوغا يوللىغان ماتېرىيالدا نومۇسسىزلىق بىلەن: «قەدىمدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۇ زېمىندا ياشاپ، مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى ياراتتى» دەپ يازغان؛ شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بۇرۇن خىتاينىڭ ھەربىي قوۋۇق شەھەرچىسى ۋە قاتناش تۈگۈنى بولغانلىقىنى، خىتاي شائىرلىرىنىڭ تەڭرىتاغنى مەدھىيەلەپ شېئىر يازغانلىقلىرىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. 1000 بەتكە يېقىن يېزىلغان بۇ تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىدا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىم مەزكۇر رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر نەچچە يەردىلا تىلغا ئېلىنغان. ئىلگىرى، يۇنېسكو «يىپەك يولى» نىمۇ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ تارىخى» نى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، خىتايلار بىلەن «يەرلىك خەلق» نىڭ ئارىلىشىپ ياشاپ، ئورتاق بىر «مەدەنىيەت بەلۋېغى» ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تونۇشتۇرغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يۇنېسكونىڭ تىزىمغا ئېلىشىغا يوللىغان ئىلتىماسىدا، خىتايغا تەۋە «يىپەك يولى مەدەنىيەت مىراسلىرى» تاكى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سوزۇلغان.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، يۇنېسكو 2013-يىل «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تىبەت ھۆججەتلىرى» نىمۇ «دۇنيا مىراسى» غا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈەن سۇلالىسىگە ئائىت ۋەسىقىلەرنىمۇ «خىتاينىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىيىتىگە كەڭچىل سىياسەت قوللىنىشى» دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرۈپ، تىبەت بىلەن خىتاينىڭ ئەزەلدىن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينى مەركەز قىلغان كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇنېسكو تىزىمغا ئالغان «دۇنيا مىراسلىرى» غا قوشقان تۆھپىسىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، يەنى يۇنېسكونىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكى خىتاي بولۇپ، يۇنېسكونىڭ 2020-يىللىق خامچوتىنىڭ 15 پىرسەنتىدىن كۆپىنى خىتاي تەمىنلىگەن. شۇڭا خىتاي يۇنېسكوغا ئەزا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاپ، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا دائىر ئەندىشە ۋە تەنقىدلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسىدىكەن.

بىز يۇنېسكونىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتە بىرەر ئىش قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ھەققىدە سوئال سوراپ خەت يازدۇق. يۇنېسكونىڭ تاراتقۇ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى توماس ماللارد (Thomas Mallard) جاۋاب يېزىپ مۇنداق دېدى: «يۇنېسكو دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇلار ‹دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىش كۆرسەتمىسى›نىڭ 12-ماددىسى بىلەن ‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىش كۆرسەتمىسى› نىڭ 1-ماددىسىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر ۋە ئەزا دۆلەتلەر بۇ مىراسلارنى قوغداش ۋە ئاسراشقا جاۋابكار. مەسىلە كۆرۈلگەندە يۇنېسكو كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر يۇنېسكو مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تىزىمىغا ئېلىنغان جايلار ھەققىدە ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالسا، ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىدۇ ۋە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئاندىن يۇنېسكو ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئەزا دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ. ئاندىن باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ئۇنى باھالاپ، مۇۋاپىق قارار چىقىرىدۇ. بۇ يىل 2-ئايدا يۇنېسكو ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى، شۇندىن بۇيان يۇنېسكو تەتبىقلاشقا بولىدىغان قائىدە-نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەپ كەلمەكتە».

بۇ يىل 3-ئايدا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، يۇنېسكونىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىدا يوقالغان يادىكارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقى، ئەمما يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، يوقالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغانىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، يۇنېسكو ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن مەشرەپنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، 2008-يىل تۇرپاندىكى كارىزنى «نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» غا نامزات قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، 2000 يىللىق كارىز مەدەنىيىتىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلغان. شۇنداقلا مۇقام، مەشرەپ قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانىدى.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى پروفېسسورى رەيچېل ھاررىس يۇنېسكونى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى ئېنىق دېيەلەيمىزكى، خىتاي يۇنېسكو ئېتىراپ قىلغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىز ئۇيغۇر كىشىلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇنېسكو ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بولغان مەشرەپ ھەققىدە دوكلات تەييارلىدۇق. بىز شۇنى كۆردۇقكى، كۆپلىگەن مەشرەپلەردە يىگىت بېشى بولغانلارنى خىتاي تۈرمىگە سولىدى، خەلق ئىچىدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈش چەكلەندى، بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەت مەشرەپتىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. شۇڭا بىز يۇنېسكوغا تەكلىپ سۇنۇپ، مەشرەپ ۋە مۇقاملارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

رەيچېل ھاررىس يەنە ب د ت تىزىمغا ئالغان، نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان يادىكارلىق بولغان كارىزلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تېخى يېقىندا خىتاينىڭ يۇنېسكوغا تۇرپاندىكى سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولغان كارىزلار ھەققىدە بىر تۈرنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ‹خىتاي خەۋەرلىرى› گېزىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، كارىز ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ لېفىت بىلەن قۇملۇق ئاستىدىكى سۇ يولىغا چۈشۈپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ قېلىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىن ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارنىڭ خىمىيەلىك بۇلغىمىلارنى سۇغۇرۇش سىستېمىسىغا قويۇپ بېرىشى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كارىزنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ سۇنغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردۇق».

بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى مۇزېيخانىلارغا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى داۋاملاشۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول قويمىغان بولۇپ، يۇنېسكونىڭ «دۇنيا مىراسلىرى» تىزىملىكىدىكى مۇقام-مەشرەپلەرنىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىدا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئۈچۈن كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئامېرىكالىق ئانتروپلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر(Darren Bayler) ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇلاردىن (يۇنېسكو تىزىمغا ئالغان تارىخىي مىراسلاردىن) خەلقئارا ئىناۋەت ۋە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن مەنپەئەتلىنىپلا قالماي، ساياھەتچىلىكتىنمۇ مەنپەئەتلەنمەكتە. شۇڭا ئۇلار شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى ساياھەت ئورنى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقچى. ھالبۇكى بۇ ساياھەتچىلىكنى ئاساسەن مەزكۇر رايوندىكى خىتايلار كونترول قىۋالغان، ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت كونترول قىلىۋالغان».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ھازىر يۇنېسكو تىزىمغا ئالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، جۈملىدىن ئۆز تارىخىنى ئۇلۇغلاشقا، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.