Responsive Image

دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

دولقۇن ئەيسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدىد ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى ۋەزىيىتى توغرىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 26-سېنتەبىر، جەنۋە.

نۆۋەتتە جەنۋەدە چاقىرىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي باياناتچىسى ۋە قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇچرىشىشلار ۋە سۆھبەتلەردە بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 54-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 26-سېنتەبىر كۈنىدىكى مۇنازىرىسىدە نورۋېگىيە باشچىلىقىدىكى 10 غا يېقىن غەرب دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. يىغىندا شىمالى كورېيە، سۈرىيە، سۇدان قاتارلىق خىتايغا ماھىل بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭ بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دېموكراتىك ئەللەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان مۇستەبىت دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر مەيدان كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 26-سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىم جەنۋەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتورىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن توقۇنۇش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ جەنۋەدىكى يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەردىن ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ب د ت نىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە سىستېمىلىق رەۋىشتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ب د ت غا قاراشلىق ئورگانلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايى پاكىتلىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر ئالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئالدىنقى ھەپتە پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى؛ ئۆز ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئانىسى ئايخاننىڭ جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. ئۇلار، دولقۇن ئەيسا بىر «تېررورچى»، ئۇ «شى جىنپىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى» دەپ چۇقان سېلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ تاشلاشقا، سۆز پۇرسىتىنى كەينىگە سوزۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان. ھالبۇكى، يىغىن باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن دولقۇن ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق سۆزلەپ تۈگەتكەن.