Responsive Image

دولقۇن ئەيسا فرانكفۇرتتىكى مەتبۇئات يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

دولقۇن ئەيسا فرانكفۇرتتىكى مەتبۇئات يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 9– سىنتەبىر

7-سېنتەبىر گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە «خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمراھىمۇ؟-ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننى باش شتابى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە بولغان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇردى.

گېرمان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلار، فالۈڭۇڭچىلار، تىبەتلىكلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلدى.

«خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمراھىمۇ؟-ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق بۇ مەتبۇئات يىغىنىنىڭ چاقىرىقنامىسىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:
«دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن خىتاي دۆلىتى ياۋروپادىكى ھەمرالىرىنى ھەتتا ئامېرىكا پىرىزدېنتى ترۇمپنى رادىكاللىقتا ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلماقتا. خىتاينىڭ ئۆزى بولسا دۇنيادىكى 1-دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان دۆلەتتۇر. خىتاي شىمالىي كورېيە ۋە زىمبابۈۋىگە ئوخشاشلا ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان بىر مەملىكەت. خىتايدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى بوغقۇچى ھەرىكەتلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىدىن كۈچ ئالماقتا. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭچىلار ئۇنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ياۋروپادا بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئاخباراتنى قامال قىلىش ھەمدە ساختا خەۋەر تارقىتىش تاكتىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش نىشانى بولسا: غەربنىڭ ئاخبارات خادىملىرى، ئىلىم ئادەملىرى ھەمدە سىياسەتچىلىرى بولماقتا.»

بۇ قېتىمقى يىغىندا تىبەتلەرگە ۋاكالىتەن «گېرمانىيە تىبەت جەمئىيىتى» ئەزاسى نوربۇ ئەپەندى «تىبەتتىكى بېسىم شى جىنپىڭ دەۋرىدە يەنىمۇ كۈچەيدى» دېگەن تېمىدا، جەنۇبۇي موڭغۇلىيەلىكلەرگە ۋاكالىتەن «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندى «خىتاينىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان زىيانكەشلىكى» دېگەن تېمىدا، خىتاي فالۈڭوڭچىلىرىغا ۋاكالىتەن «گېرمانىيە فالۇن دافا جەمئىيىتى» رەئىسى لېي زھوۋ بولسا «فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىكتىن ئورگان تىجارىتىگىچە» دېگەن تېمىدا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مارتېن ئەپەندى بولسا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمراھىمۇ؟-ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق بۇ يىغىندا «خىتاينىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مۇداپىئەسىگە سوزۇلغان قارا قولى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مارتېن ئەپەندى يىغىندا شۇلارنى تىلغا ئالدى:
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا تېررورىست، رادىكال دىنىي ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى سانىلىپ باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىرگە، ساياھەت ئەركىنلىكىنىمۇ بولۇشىغا چەكلەپ، ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، ساياھەتچىلەرنى، تىجارەتچىلەرنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىشتەك زورلۇقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى مىسىردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كۆرۈپ تۇردۇق. بۇ يىل 9-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىلنى چەكلەپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي ھەتتا قولىنى ياۋروپا تۇپراقلىرىغا قەدەر سوزۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئۇيالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى بۇنىڭ مىسالى. خىتاي ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملاردىن تولۇق خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ، بىلگەنلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر مۇستەبىت دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.

بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنىدا سوئال-سوراقلار بولۇنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، غەرب ئەللىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھاكىمىيىتى ئاپتونومىيە دەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى، ئەمما بىز ھازىرغىچە ئاپتونومىيەنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدۇق. ھازىر ئاپتونومىيە توغرۇلۇق ئەمەس، موڭغۇللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى سۆزلەشكە مەجبۇرمىز. بۈگۈن فرانكفۇرتتا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا موڭغۇل خەلقىگە ۋاكالىتەن جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە يۈز بېرىۋاتقان خىتاي ئاپەتلىرى توغرۇلۇق سۆزلىدىم. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، جەنۇبىي موڭغۇلىيە تۇپراقلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە، مىللىي يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. موڭغۇل مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان يايلاقلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. تەبىئىي مۇھىتلىرىمىز ۋەيران قىلىندى. موڭغۇل مەدەنىيىتى، موڭغۇل كىملىكى يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى. بىز موڭغۇللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈرەشلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىنتىلىۋاتىمىز.»