Responsive Image

دولقۇن ئەيسا: «كوستارىكادىكى 10 مىڭ كىشىلىك يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇزاكىرە قىلىندى»

دولقۇن ئەيسا: «كوستارىكادىكى 10 مىڭ كىشىلىك يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇزاكىرە قىلىندى»د ئۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كوستارىكادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى. 20223-يىلى 4-ئىيۇن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى، برازىلىيە، ئارگېنتىنا، چىلى قاتارلىق دۆلەتلىرىدىكى زىيارەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى لاتىن ئامېرىكاسى ئەللىرىگە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان كوستارىكىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار كوستارىكا پايتەختى سان خوزىدا 5-ئىيۇن كۈنى باشلانغان ۋە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان «دىگىتال دۇنيادا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار» ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا باشلىغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا، خەلقئارادىكى قانۇنشۇناسلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى» دېدى.

دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىۋاستە قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا دۆلەت رەھبەرلىرى، تونۇلغان سىياسى ئەرباپلار، ئالدىنقى قاتاردىكى سودا-سانائەتچىلەر، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، مەشھۇر سەنئەتكارلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تونۇلغان ژورنالىستلار ۋە ساخاۋەتچىلەردىن بولۇپ 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈچۈن مەخسۇس بىر مۇنبەر قۇرۇپ بېرىلگەن. دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى مەزكۇر مۇنبەر ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئەرباپلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ دىگىتال تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن غەيرىي-ئىنسانىي تەقىپلىرى ۋە نازارەت سېستىمىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتكە كېلىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ بىزنىڭ لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىمىز بىلەن ئوخشاش. يەنى ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، بۇ يىل كوستارىكادا ئېچىلىۋاتقان ‹دىگىتال دۇنيادا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار› تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر بۇ يىغىنغا بىۋاستە كېلىپ قاتناشقان 5 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم بار. تور ئارقىلىق قاتنىشىۋاتقان 4-5 مىڭ ئادەمنى قوشساق، جەمئىي 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدۇر. بىز 7 ئاي بۇرۇن مەزكۇر يىغىننىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس مۇنبەر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق».

مەزكۇر يىغىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا 21-ئەسىردە ئىنسانلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تور بىخەتەرلىكى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى قاتارلىق تېمىلاردا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولغانلىرىنى تەكىتلىدى.

ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىغا جايلاشقان كوستارىكادا چاقىرىلىۋاتقان «دىگىتال دۇنيادا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار» ناملىق بۇ يىغىندا «خەلقئارا قانۇن بويىچە خىتاينى قانداق جاۋابكارلىققا تارتىش» مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە كوستارىكادىن كەلگەن خەلقئارا قانۇنشۇناسلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىلغان ماللارنى ئالماسلىق توغرىسىدىمۇ كونكىرېت مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوستارىكا 5 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە كىچىل بىر دۆلەت بولۇپ، دۆلەت تىلى ئىسپانچىدۇر. كوستارىكا لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى ئىچىدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەقدىرىلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىكەن.