Responsive Image

ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇرلار چىلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن»

ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇرلار چىلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن»د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكانىڭ چىلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېرنادېتتە م. مېخەن (Bernadette M. Meehan) خانىم بىلەن ئۇچراشقان. 2023-يىلى 2-ئىيۇن، سانتىياگو، چىلى

لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن چىلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگو شەھىرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇ دۆلەتلەردە ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە خەلق-ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتىش ئىكەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى «ئەگەردە چىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى مۇۋاپىق بىر ئۇسۇلدا ئاڭلىتىلسا، ئۇيغۇرلار چىلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن» دېدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە باياناتچى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى چىلىگە كەلگەندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكانىڭ چىلىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېرنادېتتە م. مېخەن (Bernadette M. Meehan) خانىم ۋە ئەنگلىيەنىڭ چىلىدىكى باش ئەلچىسى لويىىس دە سوئۇسا (Lo’uise de So’usa) خانىملار بىلەن ئايرىم مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن. ھەيئەت كېيىن چىلى پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە چىلىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان جوسې ۋىئېرا گاللو (Jose Vi’era Gallo) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇندىن كېيىن چىلىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بۇلاردىن سىرت چىلىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «لاتېركېرا» (Latercera) نىڭ ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدەك «س ن ن چىلى» (CNN CHile) تېلېۋىزىيەسى بىلەن چىلى رادىيوسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تارقاتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى چىلىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتتە، 2023-يىلى 3-ئىيۇن، سانتىياگو، چىلى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى چىلىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتتە، 2023-يىلى 3-ئىيۇن، سانتىياگو، چىلى

د ئۇ ق ھەيئىتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چىلىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چىلى خەلقىگە ۋە سىياسەتچىلىرىگە ئاڭلىتىش ۋە ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەكلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. مۇزاكىرە ئاخىرىدا، د ئۇ ق چىلىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان زىيارەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، چىلىدە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چىلىدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادۋوكاتلار بىرلىكى ۋە قانۇنچىلار بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خىتاي شىركەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار يوقلۇقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. چىلى خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ بېشىدىن زور بوران-چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزگەن بىر خەلق. چىلى خەلقىمۇ ئەسكىرىي ۋە دىكتاتورلۇق تۈزۈملەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بىر خەلق. چىلى دۆلىتى 1973-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە دىكتاتورلۇق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغانىكەن. نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، نۇرغۇن ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنىكەن. چىلى خەلقى دىكتاتورلۇق، ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇلار بىلەن چىلىنىڭ قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، قانداق قىلىپ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتالايمىز دېگەندەك مەسىلىلەردە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق» .

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز چىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيەتلىرىنى ئاڭلىتىپ بۇ يەردىكى سىياسىيونلارنىڭلا ئەمەس بەلكى زىيالىيلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاتتۇق. بەزىلىرى بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەن. بۇ يەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق» .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى چىلى پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە چىلىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان جوسې ۋىئېرا گاللو (Jose Vi’era Gallo) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىكى خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى 3-ئىيۇن، سانتىياگو، چىلى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى چىلى پارلامېنتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە چىلىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان جوسې ۋىئېرا گاللو (Jose Vi’era Gallo) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىكى خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى 3-ئىيۇن، سانتىياگو، چىلى

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياخشى ئاڭلىتىلسا چىلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «چىلىدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىز نەتىجىسىدە بىر نەرسە بىز ئۈچۈن ئېنىق بولدى، ئۇ بولسىمۇ گەرچە چىلى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن چىلى دۆلىتى بەزى مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىكەن. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئىش قىلىشنى خالىمايدىكەن. بۇ ئامېرىكاغا قارىتامۇ شۇنداق ئىكەن، خىتايغا قارىتامۇ شۇنداق ئىكەن. ئەگەر بىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چىلى ھۆكۈمىتىگە مۇۋاپىق بىر ئۇسۇلدا ئاڭلىتالىساق، بۇ ھۆكۈمەتنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەيدانى ئېنىق ئىكەن. ئۇيغۇرلار چىلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بىز سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چىلىدە ئاڭلىتىشتا قايسى ئۇسۇلدا ئاڭلىتىشىمىز توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى. بۇندىن كېيىن چىلىدە بىرلىكتە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا بەزى قارارلارنى ئالدۇق» .

ئۆمەر قانات ئەپەندى چىلىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەي 3 مەيدان يىغىن ئېچىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا چىلىنىڭ بويۇن ئەگمەيدىغانلىقى زىيارىتىمىز جەريانىدىمۇ ئىسپاتلاندى. چىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلغانىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ، يىغىننى ئاچماسلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار خىتايغا بويۇن ئەگمەستىن يىغىننى ئاچقان بولدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىز بىلەن ئۇچراشقان 2-3 ئىنستىتۇتقا ئوخشاش بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇۋەردى» .

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىن بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە چىلىگە بولغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 4-ئىيۇن كۈنى كوستارىكاغا قاراپ يولغا چىققان.