Responsive Image

دولقۇن ئەيسا روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بىرلىكسېپىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى

دولقۇن ئەيسا روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بىرلىكسېپىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدىد ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2-نۆۋەتلىك «ياۋروپا تۈرك مېدىياسى ئالىي يىغىنى» دا سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 12-ئىيۇن، گېرمانىيە.

بۈگۈن، يەنى 21-ئاپرېل چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرگە مۇبارەك روزى ھېيتىنى ئەركىن ئازادە كۈتۈۋېلىشتى.

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى بىرگە ئۆتەپ، كوللېكتىپ ھېيتلىشىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.

جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزا ھېيتىنى يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن بىرلىكتە قۇتلۇقلاشتى. ھەتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى بىريەرگە جەم بولۇپ بىرلىكتە ھىېيىت نامىزى ئوقۇدى. بۇنداق ئەھۋال بۇ يىل باشقىچە جانلانغانىدى.

روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەخسۇس تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىققا ۋە بىرلىككە چاقىردى ھەمدە مىللىي بىرلىكسېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىياتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز قېرىنداشلار، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ھېيت-بايراملار يېتىپ كەلگىنىدە، خىتاي تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگېرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز.

ھەممەمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەردى-پىراقىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك ھېيت-بايراملارنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇپتىمىز، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان فاشىستىك قىلمىشلىرى بۈگۈن پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش يولىدا يۈكسەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر».

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرى، جۈملىدىن مىللىي مەدەنىيتىىنىڭمۇ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەكىتلەنمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىغا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى بۇنداق مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ياش ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ۋە تەرغىپ قىلىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق روزى ھېيتنى كۈتۈۋالغان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىللىق روزى ھېيتنى قانداق كۈتۈۋالغانلىقىغا جىددىي سوئاللار قويۇلماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرى روزا ھېيتىگە ئائىت خەۋەرلەرگىمۇ ئورۇن بەرمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى ۋە روزا ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى ۋا باشقىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار قامال قىلىنماقتا.