Responsive Image

دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇر مەسىلىسى تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى»

دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇر مەسىلىسى تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى»تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 7-سېنتەبىر، تەيبېي

9-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، دىنىي زاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يوۋ سىكۇن (You Si-kun) ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 150 كىشى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بۇلاردىن سىرت ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن رەھبەرلەر، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق بۇندىن كېيىن ئۇ دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىمىزگە زېمىن ھازىرلىغان بولدۇق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەيۋەندە چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇشۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق تېمىلاردا دوكلاتلار سۇنۇلدى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەر ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىقلار بولدى. يىغىندا دوكلات بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىيونلار، ۋەكىللەر ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان دوكلاتلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاساسلىق بىر تېما بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى2018-يىلى بىكار قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۇنىڭ كىرىشنى قارشى ئالغانىدى. بۇ قېتىم تەيۋەن ھۆكۈمىتىمۇ دولقۇن ئەيساغا بولغان چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم تەيۋەنگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەردىن بىرىنىڭ بۇ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن2006-يىلى تەيۋەنگە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. ئەمما 2008-يىلى تەيۋەندە سايلام بولۇپ گومىنداڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىمنى چەكلىگەنىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقارغان قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ› دەپ چەكلىمە قويغانىدى. مەن كۆپ قېتىم يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولساممۇ 17 يىلدىن بۇيان تەيۋەنگە كىرەلمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىپخانلىرىدىن بىرى بولغان تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يوۋ سىكۇن ئەپەندى، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەرنىڭ تەيۋەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ئارقىلىق بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنغان بولدى. بۇ بىزنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىمىز ھېسابلىنىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، يىغىننى چاقىرغان تەيۋەن پارلامېنتى رەئىسى يوۋ سىكۇن ئەپەندى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسەپ ۋۇ (Joseph Wu) ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ مۇھىم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەندىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ بۇندىن كېيىن تەيۋەندە ئورتاق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.