Responsive Image

73 ياشلىق ئانارخان قاناتبەكنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە كېسەل ھالىتىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى

73 ياشلىق ئانارخان قاناتبەكنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە كېسەل ھالىتىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندىئانارخان قاناتبەك نەۋرىلىرى بىلەن بىللە.

مۇھاجىر گۈلپىيە قازىبەكنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ2017‏‏-يىلى 67 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئانارخان قازىبەكنىڭ مېڭىسىدە ئۆسمە بايقىلىپ، بۇ ئۆسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىسى پۇل تەييارلاۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 8 ئايدىن كېيىن، 2018-يىلى 7-ئايدا 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئانارخاننىڭ پەرزەنتلىرى، دوختۇرخانىنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك، شېكەر ۋە مېڭە يىگلەش قاتارلىق كېسەللىرىنىڭ دىياگنوزلىرىنى كۆرسىتىپ جازانى سىرتتا ئۆتەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار بۇ تەلەپكە پەرۋا قىلمىغان.

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئانارخان قاناتبەكنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بۇ قېتىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر تۈرمىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، ئانارخان قاناتبەكنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى، ئانارخان قاناتبەكنىڭ كېسەل ھالىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تۈرمە مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا بىرقانچە قېتىم داۋالىتىلغان بولسىمۇ، سالامەتلىكىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە تۈرمىنىڭ ئانارخان قاناتبەكنى داۋالىتىشقا مەسئۇل بولغان ئالاقىدار بىر خادىمنىڭ تېلېفون ئۇچۇرىنى تەمىنلىدى.

بۇ مەسئۇل خادىم، ئۆزىنىڭ مەھبۇسلارنى نازارەت قىلىشتىن باشقا، مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، مەھبۇسلارنى داۋالىتىش يەنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دائىرىلەرنىڭ مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقى، مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، بايكۆل تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ئانارخان قاناتبەكنى داۋالىتىش ئۈچۈن يېقىندا 57 مىڭ يۈەن پۇل خەجلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ئۇنىڭغا، ئانارخاننىڭ مانا مۇشۇ ھالەتتە ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىمىزنى بىلدۈرگىنىمىزدە، ئۇ بەزىدە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭ يېقىندا، ئانارخاننى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ مېڭىسىنى تەكشۈرتكەنلىكى ۋە بۇ جەرياندا، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئانارخان قاناتبەكنىڭ كېسەللىرى ئېغىر ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرمە دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىش ياكى جازاسىنى سىرتىدا ئۆتەش ھەققىدە ھەرقانداق بىر مۇزاكىرە ياكى ئويلىنىشتا بولمىغان.

گۈلپىيە قازىبەكنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى ئېغىر كېسەل ھالىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان.

ئانىسى ئانارخان قاناتبەكنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە ئۇ يەردىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى غۇلجا بايتوقايدىكى قېرىنداشلىرىغا قالدۇرۇپ، ئۆزى قازاقىستاندىكى ئائىلىسىنىڭ يېنىغا تەستە چىقىۋالالىغان گۈلپىيە قازىبەك، ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىزچىل ھالدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.