Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 2010 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەم ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى، ھەم نوبېل كومىتېتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ليۇ شاۋبونىڭ خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە قارشى باش ئەگمەي كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇ مۇكاپاتنى قازىنىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە نوبېل كومىتېتىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرىقى خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارىماي، نوبېل نامزاتلىرىنى باھالاشتا مۇستەقىل قارار چىقارغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلدى.

باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم، بۇ مۇكاپاتنىڭ يالغۇز خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىگىلا ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىگىمۇ ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئازاب چېكىۋاتقان نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلارغىمۇ بىر ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/duq-lyu-shawbo-10082010172017.html/story_main?encoding=latin