Responsive Image

رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋېت تىلىدىكى كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋېت تىلىدىكى كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن چۈشلۈك غىزادا بىرگە بولدى. ئەمما، ئۇچرىشىش يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن سۆھبەت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

رابىيە قادىر خانىمنى پارلامېنتتا ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئانالىيە ئېناكسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ شۋېتسىيىدە سايلام ئاخىرلىشىپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن تۇنجى كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنتىدا يېڭى ئۈمىدلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. ئۇ رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق سايلام مەزگىلىدە ئۆزىگە ياردەمدە بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە چىن يۈرەكتىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەچتە «نارىن» نەشرىياتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىم شىۋېتچە ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكىلار ، تەسىرلىك نۇتۇقلار ۋە قىزغىن چاۋاكلار بىلەن داۋاملاشتى.

مۇراسىم رىياسەتچىسى ئۇيغۇر – شىۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىنى ئەسكە ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: » ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ تارىختا ناھايىتى چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى بولغان. سېۋىن ھېدىن، گۇننار ياررىڭلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زىيارەتلىرى، شىۋېت مىسسيونېرلىرىنىڭ قەشقەر، يەركەن، يېڭىسارلاردىكى دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلار ئارىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكىنى سالغان ئىدى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ دوستلۇق زەنجىرى تېخى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.»

مۇراسىمنىڭ ئېزىز مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە قادىر خانىم تارىختىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ دوستلۇقىنى ئەسكە ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ھايات سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق مۇراسىم ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم كىتابىنى سېتىۋالغۇچىلارغا ئىمزا قويۇپ بەردى.

كىتابنى نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولغان نارىن نەشرىياتىنىڭ باشلىقى لاش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، – 8 ئۆكتەبىردىن باشلاپ بۇ كىتاب 48 كىتابخانىغا بىرلا ۋاقىتتا سېلىنىدىكەن.

شۋېتسىيە رادىوسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدىكى مۇنازىرە پروگراممىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئىچىدە 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بولۇپ، نۇرغۇن شىۋېت رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رابىيە قادىر خانىمنى بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ قارايدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-kitawi-10082010211238.html/story_main?encoding=latin