Responsive Image

ئىستانبۇلدا خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پاالىيەتچىلەر شەنبە كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشقا 40 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ۋېن جياباۋ چۈشكەن مېھمانخانا ئالدىدا نامايىش قىلغان. تۈركىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ مېھمانخانىغا يېقىنلىشىشىنى توسقان.

نامايىشچىلار «قاتىل ۋېن»، «ۋېن تۈركىيىدىن يوقال» ۋە «تۈركىيە خىتاينىڭ يالغانلىرىغا ئىشەنمەيدۇ» دېگەندەك شوارلارنى توۋلىغان.

جۈمە كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى ئەنقەرەگە بارغاندا ئەنقەرەدىمۇ قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنقەرەدە ئۇيغۇر نامايىشچىلاردىن ئىككى كىشى خىتاي باش مىنىستىرى ئولتۇرغان ماشىنىغا ئايىغىنى ئاتقان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/wen-jyabaw-istanbulda-10092010223746.html/story_main?encoding=latin