Responsive Image

ئۇيغۇرلار خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى

2010 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، تۈركىيىگە ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى ئىستانبۇل شەھىرىدە نامايىش قىلدى.

بۇ نامايىشنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىش، ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش، قاراكۆي، ۋە ئاياسوفىيا مۇزېيخانا ئالدى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار ئەتىگەن سەھەردە زەيتىنبۇرنۇغا توپلىنىپ، ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن كونىراد مېھمانخانىسى ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. نامايىشچىلارنى مېڭىشقا رۇخسەت قىلمىغان ساقچىلار، يۇقىرىدىن قاتتىق بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئۈچۈن كونىراد مېھمانخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ گۇرۇپپا ‏- گۇرۇپپا بولۇپ بۆلۈندى ۋە ئۆزلىرى خالىغانچە تاكسى ۋە كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن ئىستانبۇلنىڭ بەشكىتاش رايونىدىكى كونىراد مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا قاراپ يولغا چىقتى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بەلگىلەنگەن پروگراممىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن يەنى ئەتىگەن سائەت 7:30 دە مېھمانخانىدىن چىقىپ، ئاياسوفىيا مۇزىيخانىسى، سۇلتان ئەخمەت مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.

بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلار خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن كونىراد مېھمانخانىغا يېقىن قاراكۆي دېگەن يەردە يول ئۈستىدە كۈتۈپ تۇرۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ئولتۇرغان ماشىنا يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، ۋېن جياباۋ شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! دېگەندەك شوارلار توۋلىدى. ۋېن جياباۋ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالدى ۋە ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ باردى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ نامايىشچىلار سەككىز ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا بولۇپ بۇلارنى ساقچىخانىغا ئەتىگەندە قاماپ قويۇپ چۈش ۋاقتى بولغاندا ئىپادىلىرىنى ئېلىپ قويۇپ بەرگەن ۋە ساقچىلار ئۇلارنى، نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورۇندىن باشقا بىر يەردە نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەسچىتى ۋە ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، پۈتكۈل يوللار تاقالغان ۋە ساقچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. نامايىشچىلار ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى ۋە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ شوارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار بىردەك، قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، ھەق ‏- ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆرىيەت، قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! ۋېن جياباۋ تۈركىيىدىن يوقال! دېگەڭە ئوخشاش شوارلار توۋلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغانغا قەدەر خىتاي ماللىرىنى ئالما!. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاتىل ۋېن جياباۋ دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىۋىسكا ‏- تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان. بۇ يەردىكى نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە گېزىت مۇخبىرلارمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار، ۋېن جياباۋنىڭ رەسىملىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، دەسسەپ غەزەپ ‏- نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە قاتىل ۋېن جياباۋ يوقال، دېگەڭە ئوخشاش شوارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار، ۋېن جياباۋنىڭ رەسىمى سىزىلغان تاختىنى يەرگە ئۇرۇپ دەسسەپ غەزەپلىرىنى ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈشلەر مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

نامايىش جەريانىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچى ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ نامايىش ھەققىدە تۈركىيىنىڭ شۇ كۈندىكى پۈتكۈل تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە چوڭ گېزىتلەردە كەڭ تۈردە يەر بېرىلدى. بىز بۇ نامايىش ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەرنىڭ پىكىر ‏- قاراشلىرىنى ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/wen-jyabaw-istanbulda-10112010214220.html/story_main?encoding=latin