Responsive Image

رابىيە خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىلەرمۇ رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولۇپ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.