Responsive Image

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى

گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گۇيدو ۋېستېرۋېل 16 – يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەڭلىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۇيدو ۋېستېرۋېل ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ياڭنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، خەۋەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەكىتلەڭەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

بىراق، گۇيدو ۋېستېرۋېل يەنە ئۆزىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىگە بولغان چەكلىمىسى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۇيدو ۋېستېرۋېل گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە كارخانىچىلارنى باشلاپ خىتايدا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا , ۋېن جيباۋ جۇڭگونىڭ قەتىي تەۋرەنمەي ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇيدو ۋېستېرۋېل، ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا، «ئاجىز توپلۇقلار (خەلقلەر) نىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش گېرمانىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى»دەپ تەكىتلىگەن.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/girmaniye-kishilik-hoquq-01172010222657.html/story_main?encoding=arabic