Responsive Image

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئامالسىزلىقتىن قىسمەن ئېچىۋەتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

خىتاي 1‏ – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ئارقىلىق ئۆز – ئارا يازما ئۇچۇر ئەۋەتىشنى چەكلىك ئېچىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي داىرىسىدىلا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەمما تور ئەھلىگە پەقەت شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىغىلا كېرىش لازىم، دەپ چەكلىمە قويغان ئىدى. بۇ يىل 1‏ – ئاينىڭ 17‏ – كۈنى خىتاي يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر يوللاشنى چەكلىك ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمما پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرى داىرىسىدىلا بولۇشى ھەمدە ھەر بىر كىشى ئۆز -ئارا ئەۋەتىشىدىغان قىسقا يازما ئۇچۇر سانى بىر كۈندە 20 قېتىمدىن ئاشماسلىقى لازىم، دەپ چەكلىمە قويدى. شۇنداقلا، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان يانفونلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ كەلسە ئىشلىمەيدۇ، دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنيا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن دىلمورات سۇلايمان خەلقئارادا يانفون ئالاقىسى، بولۇپمۇ يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر يوللاش قانداق ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ۋە ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋەتكەنلىكى ئامالسىزلىقتىن بولغان، ئەمما خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى خەلقارادىن داۋاملىق يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/internet-telefonni-qismen-achti-01182010192155.html/story_main?encoding=arabic