Responsive Image

غوپۇر ئەبەي: خىتاي ئىككى قېرىندىشىمنى مەن بىلەن ئۆزلىرى سۆزلەشتۈرۈپ، ئارقىدىن «بۆلگۈنچى بىلەن سۆزلەشتى» دەپ تۇتقۇن قىلدى

غوپۇر ئەبەي: خىتاي ئىككى قېرىندىشىمنى مەن بىلەن ئۆزلىرى سۆزلەشتۈرۈپ، ئارقىدىن «بۆلگۈنچى بىلەن سۆزلەشتى» دەپ تۇتقۇن قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا بايتوقايدىكى تىجارەتچى شۈكۈر ئەبەينىڭ بىر ساياھەت گۇرۇپپىسى بىلەن تۈركىيەگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئارقىدىن 4 يىل ئۆتكەندە، ئۇنى شۇ چەتئەل زىيارىتى سەۋەبلىك لاگېرغا سولىغان؛ 2019-يىلىغا كەلگەندە دائىرىلەر مەزكۇر ئائىلىدىن ئەختەم ئەبەينى گوللاندىيەدىكى ئاكىسى غوپۇر ئەبەي بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە رۇخسەت بەرگەن، ھەتتا ئۆزلىرى سۆزلىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندە، ئۇنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

غۇلجا بايتوقايدىكى تىجارەتچى شۈكۈر ئەبەي، 2013-يىلى دائىرىلەرنىڭ تەستىقى بىلەن بىر ساياھەت ئۆمىكى تەركىبىدە تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بۇ ساياھىتى يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلىشكە سەۋەب بولغان.

بۇ ئەھۋالنى شۈكۈر ئەبەينىڭ گوللاندىيەدىكى ئىنىسى غوپۇر ئەبەي، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بىر گۇۋاھلىق باياناتى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان. نەتىجىدە شۈكۈر ئەبەي ۋە ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، مەخسۇس بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن گوللاندىيەدىكى غوپۇر ئەبەيگە ئۇقتۇرۇلغان. ھەتتا دائىرىلەر غوپۇر ئەبەينىڭ چوڭ ئىنىسى ئەختەم ئەبەينى ئائىلە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا بېكىتكەن. غوپۇر ئەبەي ئىنىسى ئەختەم ئەبەي بىلەن قەرەللىك ھالدا كۆرۈشۈپ تۇرغان ۋە تەبىئىي ھالدا قىلىشقان گەپ-سۆزلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، غوپۇر ئەبەينىڭ، ئىنىسى ئەختەم ئەبەي بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالاقە تورى ئارقىلىق، ئىنىسى ئەختەم ئەبەينىڭ 2020-يىلى 12-ئايدا «گوللاندىيەدىكى بۆلگۈنچى ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەن» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن كىچىك ئىنىسى شاكىر ئەبەينىڭمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

بىز بۇ ھەقتە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بايتوقاي يېزىلىق ئۇچۇر-ئالاقە قوماندانلىق شتابى خادىملىرى، ئەختەم ئەبەي ۋە شاكىر ئەبەيلەرنى تونۇمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دېلوسىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

دېيىلىشىچە، دائىرىلەر غوپۇر ئەبەينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بايتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس بېكىتىلگەن تېلېفونى ئارقىلىق سۆزلەشتۈرگەن. بىز ئاخىرى 113 بولغان بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىملار، ئەختەم ئەبەي ۋە شاكىر ئەبەينىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ تېلېفون ئارقىلىق گوللاندىيەدىكى ئاكىسى بىلەن سۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

غوپۇر ئەبەي قېرىنداشلىرىنىڭ ئائىلە ۋە تۇرمۇش كويىدىكى ئاددىي پۇقرالار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەبلىكلا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بايتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەدلىيە پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، «بۇ يېزىدا گوللاندىيەدىكى ئاكىسى بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئاكا-ئۇكىلار كىم؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن «ئەختەم ئەبەي ۋە شاكىر ئەبەي» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپتە كۆرۈشۈشكە رۇخسەت بېرىپ كېيىن جازالىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە قوماندانلىق شتابىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما مەزكۇر قوماندانلىق شتابى بۇ تېمىدا ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى.

غوپۇر ئەبەي ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر سۈپىتىدە ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە ئەل قاتارى قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى سۈپىتىدە، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئويى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئىككى قېرىندىشى لاگېردىن چىقماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ چەتئەلدە راھەت ياشىشىنىڭ مۈمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىگەن غوپۇر ئەبەي، ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلە پاجىئەسىنى ئاۋازىنىڭ يېتىشىچە خەلقئارا ئورگان ۋە ئاخباراتلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدا، غۇلجا بايتوقايدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن ئەختەم ئەبەي ۋە شاكىر ئەبەيلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق گوللاندىيەدىكى ئاكىسى غوپۇر ئەبەي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئارقىدىن «چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.