Responsive Image

IPAC ئەزالىرى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

IPAC ئەزالىرى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

29-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا رەھبەرلىرى 30-31-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەت گۇرۇھى» ( G-20) يىغىنى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا يىغىلىشتى. ئۇلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كورونا ۋاباسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى IPAC نىڭ ئەزالىرىمۇ رىمغا توپلانغان. ئۇلار دۇنيا رەھبەرلىرىنى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى تېگىشىۋەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.

«خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى»، يەنى قىسقىچە «ئايپەك» (IPAC) دەپ ئاتالغان بۇ كومىتېت ئۆتكەن يىلى 4-ئىيۇن كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر ۋە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 18 داڭلىق پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان.

ئىئىن دانكان سىمىس ئەپەندى «ئايپەك» نىڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ «ئايپەك» نىڭ بۇ يىغىنىنى «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» دەپ تەسۋىرلىگەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ‹20 دۆلەت گۇرۇھى› غا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان غايەت زور تەھدىتىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش. مەيلى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، يەرشارى سودا قائىدىسىگە پىسەنت قىلماسلىق، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، خوڭكوڭ توغرىسىدىكى خەلقئارا شەرتنامىنى بۇزۇش مەسىلىلىرىدە ۋەياكى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش تەھدىتى ھەققىدە بولسۇن، خىتايغا سۆز قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇنداق خەلقئارالىق يىغىندا خىتايغا خالىغىنىنى قىلىدىغان پۇرسەتنى بەرمەسلىكى كېرەك».

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار «ئايپەك»، يەنى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى»، قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، يىغىنغا كېلەلمىگەن ئەزالار سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يوللاشقان.

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مېنىڭ خەلقىم دۇچ كېلىۋاتقانلارنى كۆرمەسكە سالغىنىدا ئۆزۈمنى شۇنداق چارىسىز ھېس قىلىمەن. ھەر قېتىم دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكىنىنى كۆرگىنىمدە، مېنىڭ خەلقىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالىمەن».

«ئايپەك» نىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلگەن.

خىتاي تەرىپىدىن جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلگەن لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني خانىممۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن لىتۋا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىم ئۈچۈن خىتاي ماڭا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتىن ئۆتكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشالمەن. تارىخ راستتىنلا قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بىز راستتىنلا خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمدۇق؟ بىز مۇشۇنداق شارائىتتا راستتىنلا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشامدۇق؟ مەن بۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەزكۇر يىغىنغا يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خوڭكوڭنىڭ سابىق قانۇن بەلگىلىگۈچىلىرىدىن نەيسىن لوۋ بىۋاسىتە نەق مەيداندىن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسىف ۋۇ تور ئارقىلىق قاتنىشىپ ئەركىن دۇنيانى دېموكراتىيەنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغان.