Responsive Image

گوللاندىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

گوللاندىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24-فېۋرال كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە گوللاندىيەنىڭ NPO1 قانىلىدىكى ئەڭ مەشھۇر پروگرامما سەھىپىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر پروگراممىغا خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى تىئېس دامس (Ties Dams) بىلەن گوللاندىيە ئۇترىخىت ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ئەخمەتجان قاسىمى قاتناشقان.

مەزكۇر پروگراممىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر مەزمۇن تېما قىلىنغان بولۇپ، پروگرامما گوللاندىيەدە زور تەسىر قوزغىغان.

مەزكۇر پروگراممىدا تەتقىقاتچى تىئېس دامس ئەپەندى خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتىدە ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە توختالغان. ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەتجان ئەپەندى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەندىن ‹خىتاي بۇ خىل ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بىزنىڭ كۆپلىگەن تىجارىي ئىشلىرىمىز خىتايدا، خىتاي بىلەن ئىمپورت ۋە ئېكسپورت مۇناسىۋىتىمىز بار. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟› دېگەن سوئال سورالدى. مەن: ‹ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەت مۇھىم، بىراق بىزنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىمىزنى ساتقىلى بولمايدۇ› دەپ جاۋاب بەردىم. كىشىلەر بۇ جاۋابنىڭ ئۆزلىرىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى.»

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ۋە غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. 25-فېۋرال گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى تەستىقلانغان بولۇپ، گوللاندىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي تونۇغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالغان.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەخمەتجان قاسىمى زىيارىتىمىز داۋامىدا گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئىجابىي يۆنۈلۈشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، گوللاندىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىنسانىيلىقنى تۇتقا ۋە ئاساسىي يۆنۈلۈش قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلماي پۈتۈن سىياسىي گۇرۇپپىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ باشلانغۇچى دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرا ئۇسۇل بىلەن تونۇتۇشى ۋە ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.