Responsive Image

گوللاندىيىدىكى نامايىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيىدىكى نامايىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە دەنھاگ شەھىرىدىكى پارلامېنت مەيدانى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن سىرت يەنە گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى، گوللاندىيە سوتسىيال پارتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، دۇنيا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ( ئۇنپو ) نىڭ مەسئۇللىرى ۋە گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

نامايىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى، 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى گوللاندىيىدىكى قېرىنداشلار ئاپتوبۇس بىلەن كېچىچە 10 سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ فرانسىيىگە يېتىپ بېرىپ، د ئۇ ق تەرىپىدىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشقان ئىدى، ئۇلار پارىژدىكى نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەنە كېچىچە يول يۈرۈپ 5 – ئىيۇل كۈنى گوللاندىيىگە يېتىپ كەلدى ۋە ھېرىپ – چارچىغىنىغا قارىماستىن گوللاندىيىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.

ئۇلار بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، » ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ، قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولۇۋاتىدۇ ۋە چىدىغۇسىز ئازابلارنى تارتىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بىر – ئىككى كۈن ئۇخلىمىغانلىقىغا ۋە يول ئازابىنى تارتقىنىمىز ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئالدىدا تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ» دېيىشتى.

گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 14:00 تىن 16:00 گىچە داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى نامايىش، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈستىگە بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىدىكى كۆك مايكا كىيىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا جەۋلان قىلغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قوشۇلۇپ پۈتۈن مەيدان بايرىقىمىزنىڭ  رەڭگىگە پۈركەندى.

30 چوڭ قەغەز تاختىغا گوللاندىيىچە 30 چوڭ ھېرىپ بىلەن، » ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى قوغدالسۇن !» دېگەن شوئار يېزىلغان بولۇپ، بۇ شوئارنى 30 نەپەر ئۇيغۇر نامايىشچى رەتلىك تىزىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىشتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى تۈرلۈك مەزمۇندىكى شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جاراڭلىق شوئار توۋلىشىپ ئەتراپنى زىل – زىلىگە سالدى.

نامايىش جەريانىدا ئەتراپتىكى ئاممىغا د ئۇ ق تەرىپىدىن بىر تۇتاش ھازىرلانغان  ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان  تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

نامايىش جەريانىدا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ئاممىغا 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىش باشتىن – ئاخىرى ئىنتايىن جانلىق كەيپىياتتا رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئۆتتى.

نامايىش ئاخىرىدا گوللاندىيە سوتسىيال پارتىيىسى ( س پ ) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ گوللاندىيە قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرۈشتى.

چۈنكى ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا بەزى ھادىسىلەر مەيدانغا  كەلگەن ئىدى.