Responsive Image

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 7 – ئىيۇل كۈنىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇنتۇلماس كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.

چۈنكى، 5 – ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىق جەريانىدا  مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان  ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ، دادىلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئەرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە ئىز – دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە بىر توپ ئۇيغۇر ئايال كۆزلىرى قان – ياش ھالدا ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى قەھرىمانلارچە تىركەشكەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش جەريانىدا ھاسا تايىقىغا بۆلۈنۈپ تۇرۇپ خىتاينىڭ تانكىسىنى توسۇپ تۇرغان موماينىڭ، كۆزلىرى ياشقا تولغان نارەسىدە پەرزەنتلىرىنى بىر قولى بىلەن قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ غەزەپ بىلەن شوئار توۋلاپ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېتىۋاتقان ئانىلارنىڭ، خىتاينىڭ كالتەك – قالقانلىرىغا پىسەنت قىلماي مىڭلىغان ئەسكەر توپىغا ئۆزلىرىنى مەردانىلەرچە تاشلاپ كېتىۋاتقان ياش قىزلارنىڭ، شۇنداقلا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان نارەسىدە بالىلارنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىغان، ھەتتا بەزى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە سىمۋولغا ئايلانغان  ئىدى.

تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، شۇ كۈنى جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا خىتاينىڭ يىرگىنچلىك ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ۋە مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا قاتتىق رەسۋاسى – رەزىل قىلغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ بۇ قەھرىمان ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا مەڭگۈلۈك ئۈلگە بولدى، شۇندىن بۇيان چەتئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق خانىم – قىزلار ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

شۇڭا، بۇ ئۇنتۇلماس كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مىللىي رەھبىرىمىز ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنى تەرىپىدىن بۈگۈن، يەنى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر » مەريەم ئانا مەيدانى » دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولۇق ئىشتىراك قىلدى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتتىكى مەسئۇلى مارگاررىتتا باۋزە خانىممۇ ئالاھىدە كېلىپ نامايىشقا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا بولغان ھېسداشلىقى، قوللىشى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادە قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئاياللار نامايىش گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 17:00 دە باشلاندى، نامايىشقا قاتناشقان خانىملار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، خىتايغا قارشى تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ 5 – ئىيۇل قەھرىمانلىرىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى، شۇنداقلا خەلقىمىزگە پۈتمەس – تۈگىمەس بالاسى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىش مەيدانىغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە 7 – ئىيۇلدىكى خانىم – قىزلار نامايىشىغا دائىر تەسىرلىك ۋە ئېچىنىشلىق سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن رەسىملىك تاختىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، گېرمانچە چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن مەخسۇس كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شۇ كۈنى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ مۇسابىقىسى بولغىنى ئۈچۈن، ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەركىزى ھېسابلانغان  » مەريەم ئانا مەيدانى » ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان  ئىدى، ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى نامايىش مۇسابىقىدىن پەقەتلا 3 سائەت بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئانا – بالىلارنىڭ بۈگۈنكى نامايىش مەيداندىكى 10 مىڭلىغان ئاممىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلدى، ئېچىنىشلىق ۋە تەسىرلىك رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن مىڭلىغان ئىنسانلار ئۇيغۇر خانىملىرىنى سوئال يامغۇرىغا تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەس – بەس بىلەن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى.

د ئۇ ق تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەييارلانغان  ۋە خىتاينىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان نەچچە مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋارىقى ھەش – پەش دېگۈچە تارقىتىلىپ تۈگىدى.

نامايىش باشلانغاندا  ئالدى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوسمان خانىم بىلەن، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى مېھرىبان مۇھەممەت خانىملار ئاممىغا خىتابەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا سېلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتى.

نامايىش جەريانىدا يەنە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتىدىكى رەھبىرى  مارگاررىتتا باۋزە خانىممۇ مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتچىلىكنى، جۈملىدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرىقى غەيرىي ئىنسانى سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىشقا چاقىردى.

ئىنتايىن زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بۇ قېتىمقى ئاياللار نامايىش ئىككى سائەت داۋام قىلدى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا باشلانغان  بۇ نامايىش ئۇدا 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.