Responsive Image

ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى

ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش قىلماقتا. شۇ جۈملىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىش قىلدى.

7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىغا توپلىنىپ نامايىش قىلغان ئىدى. 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشقا يەنە «ئانادولۇ گەنچلىك جەمئىيىتى»، «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىشقا قاتناشتى، نامايىشقا كۆپلىگەن تۈركلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا، «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيمىز»، «بارىننى، خوتەننى، غۇلجىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق»، «شەرقىي تۈركىستانغا  ئەركىنلىك»، دېگەڭە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكا تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!، «قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!، «ھەق – ھوقۇق، ئادالەت تۈركىستانغا  ھۈررىيەت! » دېگەڭە ئوخشاش شوارلار توۋلىدى.

نامايىشقا كۆپلىگەن مۇخبىرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار يېزىلغان باياناتىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى:

«5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ بىر يىل ئۆتتى، سىرتتىن قارايدىغان بولساق، ۋەقە تۈگەپ شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت نورمال ئەھۋالغا قايتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئادەم ئۆلتۈرۈش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن – قىستاققا ئېلىش، تەھدىت قىلىشقا ئوخشاش جىنايەتلەرنى توختىماي ئىشلەۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئىشلىنىۋاتسا دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ ۋە كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى:

«ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن بېسىم، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيتىلدى، پىكىر ئەركىنلىكى، ۋە ساياھەت ئەركىنلىكى تېخىمۇ چىڭىتىلدى. ئۆز تىلىدا ئوقۇش ۋە دىنى تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئىمكانسىز ھالغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن تۇتۇلغانلار قاتتىق جازاغا تارتىلىۋاتىدۇ.»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. نامايىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بولسا، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئارقىسىدا تۇرۇپ نامايىشچىلارنى مەخپىي رەسىمگە تارتقان ئىككى نەپەر خىتاينى

مۇخبىرلار رەسىمگە تارتتى. بۇنى ھېس قىلغان خىتايلار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى.

بايانات ئېلان قىلىنغاندىن  كېيىن نامايىشچىلار ئارىسىدىن تاللانغان  5 يېتەكچى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە «شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. قارا چەمبىرەك تۈركىيىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەر ئۈچۈن قويۇلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.