Responsive Image

ھىندىستاندىن كەلگەن ۋەكىل: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، كىملىكىمىزنى قوغداپ قېلىش»

ھىندىستاندىن كەلگەن ۋەكىل: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، كىملىكىمىزنى قوغداپ قېلىش»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ھىندىستاندىنمۇ ۋەكىل قاتناشتى. ھىندىستان كەشمىردىن كەلگەن ۋاسىم ئابدۇللاھ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ئېچىپ ياشلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاسىم ئابدۇللاھ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە نەسەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھىندىستاندىن كەلدىم، ئىسىم فامىلەم ۋاسىم ئابدۇللاھ. مېنىڭ چوڭ دادام ۋەتەندىن چىققان ئىكەن. بىزنىڭ تېگىمىز قەشقەرنىڭ قاغىلىق دېگەن جايىدىن. مېنىڭ داداممۇ ئەسلىدە ۋەتەندە تۇغۇلغانىكەن. دادام خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىپ، كېيىن ھىندىستاندىن ۋەتىنىگە قايتالماي، ھىندىستاندا توي قىلىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ قېلىپ قالغانىكەن.

مېنىڭ دادامنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىش ئىدى، ئەپسۇسكى 2018-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. مېنىڭ دادامنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنىغا قاتناشتىم».

ۋاسىم ئابدۇللاھ لاداخ ۋە كەشمىر دېگەن جايدا ئۆزى بىلىدىغان 30 ئۇيغۇر ئائىلە بارلىقى، ئەمما 70-80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«لاداخ بىلەن كەشمىردە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلە بار. بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئۈچ-تۆتتىن بالىسى بار دېگىنىمىزدە 70-80 نەپەر ئۇيغۇر بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان، مەسىلەن بىز ھازىرمۇ لەڭمەن، پولۇ ۋە سامسىلارنى يەيمىز. لېكىن تىلىمىزنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. چۈنكى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز، بىر يەردە جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشمىغان بولغاچقا لاداخنىڭ يەرلىك تىلى، كەشمىر ۋە ھىندىچە ئۆگىنىپ، يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن».

ئۇ، كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر چوڭلاردىن كىچىكلەرگىچە ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئەسلىمىزگە قايتىشنى بەك ئارزۇ قىلىمىز. شۇڭا بۇندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئانا تىل سىنىپى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمىز». -2015يىلى-6ئايدا كەشمىر ۋە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كەشمىرگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانىكەن.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى-2015يىلىدىكى كەشمىر زىيارىتىدە قەدىناس دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن 30 ئەتراپىدا كىشى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن مۇڭداشقان. بۇ ئۇيغۇرلار كەشمىردە يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇمىغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇنىڭدىن بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە مېنى ئەڭ كۆپ تەسىرلەندۈرگەن نەرسە كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرچە بىلمىسىمۇ، ›بىز ئۇيغۇر، بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ئۇيغۇر‹دېيىشى بولدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ۋاسىم ئابدۇللاھ كەلدى. بۇ ياشمۇ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بولىدۇ. بىز بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك».

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كېلىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «1949-يىلىدىن بۇرۇن ھەجگە بارىدىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارقىلىق باراتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلەرمۇ ھىندىستان ۋە پاكىستانغا بېرىپ كېلىپ تىجارەت قىلاتتى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۇ زامانلاردا ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ1947-يىلى مۇستەقىل بولغان ئىدى. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندا 12 ياش ۋاقتىمدا كەشمىرگە كېلىپ ئوقۇغانىدىم. كەشمىردە ئۇ ۋاقىتتا تونۇشقان دوستلىرىم بار ئىدى. 1949-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ئۇلار بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغانىدىم. كېيىنمۇ ئالاقەمنى ئۈزمىدىم. مەن 2015-يىلى ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ۋاقتىمدا دوستلىرىم 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى يىغىپ كەشمىرنىڭ پايتەختى سىرىناگاردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چاقىرىپ ئەكېلىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىكەن. بىلگەنلەرمۇ بەكلا چالا بىلىدىكەن. بۇلار ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇرۇن تىجارەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى. مەن بۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە ئالاقە قىلىش ئادرېسلىرىنى ئىگىلەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. شۇنىڭ بىلەن كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارمۇ 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاپ ئەۋەتكەن بولدى، مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم بۇلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى».

ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان ھىندى تىلى بىلىدىغان مېھرىبان ياسىن خانىم بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھەپتىدە 6 سائەتتىن ۋاسىم ئابدۇللاھغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى، ھىندىچە ئۆگىنىشىدىكى مەقسىتىنىڭمۇ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.