Responsive Image

ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يىغىن زالى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يىغىن زالى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيادا 130 دىن ئارتۇق دۆلەتتە شۆبىسى بولغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مېھمانسارايلار زەنجىرى ھېسابلىنىدىغان ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسىنىڭ چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى شۆبىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا زال بېرىشنى رەت قىلغان. ۋەقە بۈگۈن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەرگە جايلاشقان بىر قانچە مېھمانخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇرۇلتاينى ئېچىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مېھمانخانا ئىزدىگەن ۋە ماررىيوت مېھمانخانىسىنى كۆرۈپ كېلىشى ئۈچۈن بىر مەسئۇل كىشىنى ئەۋەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ بارغان كىشى دەسلەپتە بۇ يىغىننىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئۇ مېھمانخانىنىڭ يىغىن زاللىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مېھمانخانا مەسئۇلىغا ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماررىيوتنىڭ پىراگادىكى مېھمانخانىسىدىن بۇ يىغىنغا زال بېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە خەت تاپشۇرۇۋالغان. 1-ئۆكتەبىر كۈنى يېزىلغان بۇ ئېلخەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن مېھمانخانىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. بەختكە قارشى، مەن سىزگە بىزنىڭ سىلەرگە زال تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرماقچىمەن. بىز شىركەت باشقۇرۇش ئورگىنى بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلەشتۇق. سىياسىي بىتەرەپلىكىمىز سەۋەبىدىن، بىز بۇ خىلدىكى سىياسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرگە سورۇن بېرەلمەيمىز. ۋاقتىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت».

ھالبۇكى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ سىياسىي يىغىنلارغا ئورۇن بەرمەيمىز، دېگىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان سەۋەب ئىكەن.

ماررىيوت مېھمانخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ماررىيوتنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن بىزگە قىلغان سۆزىدە ماررىيوتنىڭ ھەرىكىتى «ئايرىمىچىلىق» دەپ تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ماررىيوتنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن قورقۇنچاقلارچە قىلىنغان، كەمسىتىش خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت ۋە ئۇ قاتتىق ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك. ماررىيوت ئۆزىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇلار مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىلگىنىڭىزدەك بۇ، ئۇلارنىڭ تۇنجى خاتالىقى ئەمەس. ئىلگىرى تىبەتلەرگىمۇ ئۇلار ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغان».

بىز ۋەقەدىن كېيىن ماررىيوت مېھمانخانىسىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باش شتابى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مېھمانساراينىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بەن گېرۋ بىزگە قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«ماررىيوت مېھمانخانىسى ھەممە كىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىز مېھمانخانىچىلىق كەسپىي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز ۋە بۇ سەۋەبتىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋە ھەر ساھەدىكى پەرقلىق كۆز قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى ئوخشاش قارشى ئالىمىز. بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى بىزنىڭ يۇقىرىدىكى سىياسىتىمىزگە ماس كەلمىگەن ھەرىكىتى سەۋەبىدىن سىز دېگەن بۇ گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىلىشىپ كەچۈرۈم سورىغان. بىزمۇ بۇ مېھمانخانىدىكى خىزمەتچىلەرنى مېھمانخانىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىمىز بويىچە تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈش ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغاپ كەتكەندىن كېيىن پىراگادىكى ماررىيوت مېھمانخانىسى ھەقىقەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن بارغان كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ كەچۈرۈم سورىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماررىيوت شىركىتىنىڭ پىراگادىكى يىغىنغا زال بېرىشنى رەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بارمۇ ياكى ئۇلار بۇنى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قىلغانمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. ئەمما سوفى خانىم ماررىيوتنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھەم جامائەت تەرىپىدىن تەنقىدلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چېخىيەنىڭ كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىرەر ئورگان ماررىيوت مېھمانخانىسىنىڭ كەمسىتىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ داۋا ئاچسا ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قوزغىغان بولاتتى. ئاندىن يەنە ئىستېمالچىلار بۇنداق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى، ئايرىمىچىلىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق شىركەتلەرنى يەنە داۋاملىق قوللايمىزمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ياخشى ئويلىشىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، بىز بۇ شىركەت ۋەقەدىن كېيىن قانداق پوزىتسىيەدە بولدى، بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن قانداق ئىجابىي ھەرىكەتلەرنى قىلدى دېگەنلەرنى ئويلىشىشىمىز كېرەك».

مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە زور دىققەتكە ئېرىشتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشتى ھەتتا پىراگا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىزدەنىك خېرىبمۇ تىۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ماررىيوت مېھمانخانىسى ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا سورۇن ھازىرلاشنى رەت قىلىپتۇ. مەن بۇلاردىن قاتتىق نومۇس قىلدىم. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى، ئۇ يەردىكى قېيىن –قىستاق ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇنداق ۋاسىتىلىك قوللاش ھەرىكەتلىرى بۈگۈنكىدەك پۇقرالار جەمئىيتىدە ئەسلا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك» دەپ يازغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى ئۇ تىۋىتتېردىكى يۇقىرىدىكى سۆزىگە «مەن ئەمدى ماررىيوتتا تۇرمايمەن» يەنى «Iwontstaymarriot#» دېگەن خەشتەگنى قوللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ماررىيوت خەلقئارا شىركىتى 2018-يىلى مېھمانخانىنىڭ بىر راي سىناش قەغىزىدە تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن )نى خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس بەلكى مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىپ قويغانلىقتىن خىتاينىڭ غەزىپىگە ۋە ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتايدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىز خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۇزىدىغان بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى قوللىمايمىز» دېگەن. يەنە شۇ ئوخشاش يىلدا ماررىيوت مېھمانخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ماررىيوتنىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق تىبەتنى قوللايدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ يوللانمىسىىنى «like» (ياخشى كۆرۈش بەلگسس )قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشتىن قوغلىغان. ماررىيوتنىڭ بۇ ھەرىكىتىمۇ ئەينى چاغدا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.