Responsive Image

ئىككىنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە دوكلات قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئىككىنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە دوكلات قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى قېرىنداش تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدە بۇيىل 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇقتۇلۇق تېمىلار ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملاشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مىللىي كېڭەش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە :
بىرىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسانىيەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
1) ئىسلام-مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
2) تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
3) دۇنيا مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
ئىككىنچى بۆلۈم: ھازىرقى ئۇتۇقلارنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش: تېخىمۇ سەۋىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋا سىياسىتى
1) 2020- يىلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى پائالىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇش
2) ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغان ھۆكۈمىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش
3) مۇستەملىكە دۆلەت ۋە خەلقلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش خىتابنامىسىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش
ئۈچىنچى بۆلۈم: خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
1) خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىلەن مۇستەقىللىق مەسىلىسى
2) ھىمايە ئاستىغا ئېلىش مەسئۇلىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى
3) ماگنىتسكىي ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلاردىن پايدىلىنىش
تۆتىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپىدىكى ئىزچىللىق ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسى
بەشىنچى بۆلۈم: خىتاي سىياسىتى ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى
ئالتىنچى بۆلۈم: ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى
يەتتىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى مەسىلىسى
يۇقىرىقى تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا يەنە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ :
1) ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان كونكرېتنى سىياسەتلەر؛
2) خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ داۋايىمىزغا كۆرسۈتۈۋاتقان تەسىرى؛
3) خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى تۈزۈمىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ كونكرېتنى چارىلىرى؛
4) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى؛
5) مۇھاجىرلار مەسىلىسى؛
6) خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە داۋايىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك مېخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى؛
7) داۋايىمىزغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى؛
8) داۋايىمىزدا ياشلارنىڭ رولىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى؛
9) داۋايىمىزدا ئاياللارنىڭ رولىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى؛
10) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى؛
11) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پىسخىكىلىق ساغلاملىق ۋە ئۇنىڭ داۋايىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى؛
ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان مىللىي كېڭەش يىغىنىدا يۇقىرىقى تېمىلار بويىچە مەخسۇس سوئال – جاۋاب بۆلۈملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
2- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلىرىمىز ئىچىدە يۇقىرىقى خالىغان بىر تېما ئۈستىدە دوكلات بېرىشنى ئارزۇ قىلغانلار دوكلاتىنىڭ تېمىسىنى ۋە دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى يېرىم بەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالدا يازما شەكىلدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمگە 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن ئالدىن يوللاپ بېرىشى لازىم.
ئەگەر ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قاتنىشالمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقى تېمىلار ئاساسىدىكى يازما دوكلاتىنى ۋە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمگە 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن يوللاپ بېرىشى كېرەك؛
ھۆرمەت بىلەن :
2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى