Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ 2022 – يىللىق رامىزانلىق نۇتقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ 2022 – يىللىق رامىزانلىق نۇتقى
ئەسسالام ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مانا بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە 11 ئاينىڭ سۇلتانى مۇبارەك رامىزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق . مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ بۇ رامىزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن. ئاللاھ ئىبادەتلىرىمىزنى، دۇالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي! ئۇلۇغ رامىزاننىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي!
ئەزىز قەرىنداشلىرىم! ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شادلىققا چۆمدۈرگەن مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە، ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگىرلىرىدا، مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەستىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز .
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شادلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق. خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش بىلەن ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەرد-پىغانلىرىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك كۈنلەرنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى. قىسقىسى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئازاب- ئوقۇبەت ۋە زۇلۇمغا تولغان جەھەننەم ئېيىغا ئايلاندۇردى.
ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى- ئەگەر بىز جاسارەت ۋە كۈرەش بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئالمايدىكەنمىز بىزگە ئەبەدىي تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەت يوق. يەنە شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەركىن ئازادىلىك ئىچىدە ئادا قىلىشتىنمۇ مەڭگۈ سۆز ئاچالمايمىز .
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! بۈگۈن 21 – ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى. ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشىمىز بىلەن لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى» خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېسابىنى سوراشقا ئۆتتى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا يۈكسەك شىجائەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ زۆرۈر بولماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! مانا بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەربىر ئىبادىتىمىزدە جانابى ئاللاھتىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇيلى، ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبىر-تاقەت تىلەيلى. ھەر قېتىملىق ئىفتارلىرىمىزدا، دۇۋا -تىلاۋەتلىرىمىزدە جانابى ئاللاھتىن خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان سانسىزلىغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيلى. كۆز ياشلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن! مانا بۇ مۇبارەك ئاينى جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك خەير-ساخاۋەت، ئېھسان ، شەپقەت ، بىرلىك ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېيىغا ئايلاندۇرايلى. ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا خىتاينىڭ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە لاگىرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كۈچ-قۇۋۋەت، نۇسرەت ۋە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى بىر ئىنسانىي، مىللىي، دىنى ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىمىز دەپ بىلەيلى. ھەممىمىز ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتلەرنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ ، ۋەتەندە زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى .
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلانغان مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە مۇسۇلمان خەلقىمىزنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەل ۋەتىنىمىزدىكى شانلىق ئىزىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ۋەھشىيلىكلەر قالمىدى، بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى بۆلۈش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن دىننىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈنئىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ ۋە پىتنە ئۇرۇقى چېچىپ ، مىللىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ۋە يېتەكچىلىرى ھېسابلانغان دىننىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى دىننىي زاتلىرىمىز بولسۇن ياكى زىيالىيلىرىمىز بولسۇن، بىر – بىرى بولغان سۆيگۈ، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇخىل سۈيقەستىنى گۇمران قىلىشى لازىم، پەقەت دەۋا قىلىۋاتقانلارنىڭلا ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەم دىننىي ئالاھىدىلىكىمىزنى ، ھەم مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنى بىرگە قوغداش ۋە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، خەلقىمىز مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىقات قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ مۇقەددەس يولدا سانسىزلىغان شېھىدلەرنى بەرگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىمىزنى، ئىسلامغا بولغان سۆيگۈمىزنى، مۇسۇلمانلىق غۇرۇرىمىزنى قوغداپ قېلىش پەرقەت دىننىي زاتلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن زىيالىلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت، بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپىدۇر !
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى زىيالىلىرىمىز بولسۇن ياكى باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ ھەرقانداق شەخسلىرىمىز بولسۇن،مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىننىي ئەتىقات تۇيغۇلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى،مۇقەددەس ئىسلامنىڭ شان – شەرىپىنى قوغدىشى ، خەلقىمىزنىڭ دىننىي ھېسسىياتىنى رەنجىتىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئىمانىنى، دىننىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم، بىزنى بىز قىلغان دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى، ئۇيغۇرلىقىمىزنى، كىملىكىمىزنى رەت قىلغانلىقتۇر. شۇنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى، خەلقىمىزنىڭ دىننىي ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمىغانلار ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە كەڭ خەلقىمىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، خالاس!
جانابى ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىمىز بولسۇن! ھەممىمىزنىڭ رامىزان ئېيىمىزغا تەكرار مۇبارەك بولسۇن!