Responsive Image

ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاند ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتىرلىق د ئۇ ق ۋەكىللىرى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىدا. 2023-يىلى ئاپرەل، بارسېلونا، ئىسپانىيە.

ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مىريام خانىم 20-ئاپرېل ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى دادىل تىلغا ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئىسپانىيە پايتەختى مادرىددىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 19-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان 6 نەپەر ئەزاسى بىلەن ئوپچە ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا ئىسپانىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا د ئۇ ق ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت ماتېرىياللارنى ۋە قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتلارنى تەقدىم قىلغان.

ئىككى كۈنلۈك بۇ پائالىيەتنىڭ بىر نەتىجىسى 20-ئاپرېل كۈنى كۆرۈلگەن. ئىسپانىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىريام خانىم پارلامېنتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىسپانىيەدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھېچ تىلغا ئالمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسپانىيەدىكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىدىن بىرىمۇ، ئىسپانىيە دائىرىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىققا چاقىرىش ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە ئىسپانىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلىرىگە قانۇنىي چارە كۆرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش مەقسىتىدە 18-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن بىر ھەپتىلىك ئىسپانىيە زىيارىتىنى باشلىغان.

ئۇلار 18-ئاپرېل كۈنى ئىسپانىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن روبېرت ناھار، ۋىسېنچ ماتاس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولغان ئىدى.