Responsive Image

ئىتالىيە سىياسىيونلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلماقتا

ئىتالىيە سىياسىيونلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10– ئاۋغۇست

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا 26-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيە پارلامېنتىغا مېڭىۋاتقاندا، ئىتالىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۈچ سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ سېناتورلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىتالىيە پارلامېنتىغا، شۇنىڭدەك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىرلار كېڭىشى قاتارلىقلارغا ئۆز سوئاللىرىنى ئەۋەتىپ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى»نىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ سېناتورلىرىدىن ليۇگى كومپاگنا ۋە ليۇگى مانكونى، شۇنىڭدەك پارلامېنت ئەزاسى روبېرتو رامپى بىرلىكتە ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىغا ئۆز سوئاللىرىنى تاپشۇرغان.

ئۇلار سوئالىدا «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» (ئىنتېرپول) نىڭ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» نى سۇيىئىستېمال قىلىش ئەھۋالىغا ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى، دولقۇن ئەيساغا قارىتىلغان ھەرىكەتتىكى سەۋەبنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى سورىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ نېمە ئۈچۈن دولقۇن ئەيسانى ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، ئىتالىيە چېگراسىدىن ئۆتكەندە ياكى مېھمانخانىغا كەلگەندە تۇتقۇن قىلماي، يىغىن باشلىنىشقا ئاز قالغاندا تۇتقۇن قىلىپ ئۇنى ئۈچ سائەتچە ئاۋارە قىلغانلىقى، بۇ ۋاقىتنىڭ بولسا دولقۇن ئەيسانى يىغىندىن قۇرۇق قالدۇرۇشقا يېتەرلىك بولۇشى ئالدىنئالا پىلانلانغان ياكى ئەمەسلىكىمۇ سورالغان.

مەلۇم بولۇشىچە دولقۇن ئەيسا «ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، 2006-يىلى گېرمانىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئىكەن.