Responsive Image

جەمئىيەتتە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان يۈسۈپجان ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

جەمئىيەتتە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان يۈسۈپجان ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«تەڭرىنىڭ قامچىسى ئاتىللا» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە «ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق نۇتۇقلىرى بىلەن بىلەن تونۇلغان تارىخ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىن، گەرچە خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ ۋە ئېتىبارغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سۆيۈلگەن ۋە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇ 2017-يىلدىن كېيىن زور بىر تۈركۈم سەركە زىيالىيلار قاتارىدا ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. يېقىندا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر نامسىز خەتتىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يۈسۈپجان ياسىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

يېقىندا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىزغا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر نامسىز خەتتە بايان قىلىنىشىچە، جەمئىيەتتە «ئوت يۈرەك تارىخچى» دەپ نام ئالغان، ئۈرۈمچى 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى يۈسۈپجان ياسىن، 2017-يىلدىن باشلاپ ئىز-دېرىكى غايىب بولغان. نامسىز خەتتە يۈسۈپجان ياسىننىڭ كىملىك نومۇرى ۋە ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى ئېنىق بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى ۋە مەسئۇل ساقچى خادىمىنىڭ ئىسىم ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىمۇ تەمىنلەنگەن. ئىنكاستا نامى تىلغا ئېلىنغان مەسئۇل خادىم تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما يۈسۈپجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. دەسلەپتە ئۆزىنىڭ مەسئۇل خادىم ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان مەزكۇر خادىم، ئارقىدىن يۈسۈپجاننىڭ مەسئۇل خادىمى ئىكەنلىكىدىن تېنىۋالدى.

تور ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈسۈپجان ياسىن 1970-يىلى ئاتۇش تېجەندە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 23-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەن. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر «مۇ مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر»،

داستان-مىللىي بايلىق»، «تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا»، «ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى»، «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ۋە ئۆمەر باي»، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان»، «رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلەنگەن شەرق» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

23-ئوتتۇرا مەكتەپ مەمۇرىي خادىمى، مەكتىپىدە يۈسۈپجان ياسىن ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە يۈسۈپجان ياسىننىڭ ماقالىلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «مىللىي روھنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق ماقالىسى ھەۋەسكار دىكتورلار تەرىپىدىن ئوقۇپ تارقىتىلغان.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن يۈسۈپجان ياسىننىڭ 23-ئوتتۇرا مەكتەپتە يەنى خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. بىز مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ نازارىتىگە تېلېفون قىلىپ، يۈسۈپجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى بۇ ھەقتە ج خ تارماقلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاسىتىلىك دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن يۈسۈپجاننىڭ نەدە ئىكەنلىكى، كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ياسىن جاراڭلىق نۇتقى، ئېسىل كىشىلىك پەزىلىتى، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدىكى كەسكىن مەيدانى سەۋەبلىك، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتە كۆپ ساندا زوقلانغۇچىلىرى بولغان بىر مائارىپچى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ مۇشۇ خاسلىقلىرى سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن باشلاپلا دائىرىلەرنىڭ چەتكە قېقىش ۋە ھەر خىل ئاۋارىچىلىكلىرىگە كۈپ قېتىملاپ ئۇچراپ كەلگەن. ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى تۇتۇلۇشىدا، يەنە قانداق خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ يەتكەنلىكى ياكى يېتىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.