Responsive Image

كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىدىن جەسىتى چىققان

كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىدىن جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورلا ۋەزىيىىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ تېخنىك ئىشىچىسى ئەركىن سۇلايمان، 7 ‏-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە ئۆزىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن سۇلايمان ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ تىزىملىتىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە شۇ ھەپتىسى ئۆيىدىن مەجبۇرى تۇتۇپ ئەكىتىلگەن ئەركىن سۇلايماننىڭ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى دۋامىدا ۋەقەنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىنىڭ 25 يىللىق تېخنىك ئىشچىسى ئەركىن سۇلايمان 7‏-ئاينىڭ بىرىنجچى ھەپتىسى «تەربىيەلەش» كە تىزىملىتىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. ئەركىن بۇ «تەربىيەلەش» كە بېرىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ساقچىلار ئۇنىڭ 5 يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە تېلېفون سۆھبەت خاتىرىسىدە «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ چوقۇم «تەربىيەلەش» كە بېرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرغان.

ئەركىن سۇلايمان تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن 4 يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى، ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرى ھەققىدە ئەينى چاغدا ساقچىلارغا تەپسىلىي ھېساپ بېرىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىغان ۋە ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش» كە مۇناسىپ ھېچقانداق بىر مەسىلىسى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆزلىگىدىن كېلىپ تىزىملىتىشى ئۈچۈن 3 كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن. ئەركىن سۇلايمان «تەربىيەلەش» كە كەتسە ئىشسىز قالىدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ بېقىشسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، ئەركىن سۇلايمان ھەققىدە مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقى ۋە چېتىشلىق كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇچۇر ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىنكاستا دىيىلىشىچە، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن كورلا شەھەرلىك تەمىنات-سودا سارىيىدا تېخنىك ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەرىن سۇلايمان، كەسكىن ۋە ھەققانىيەتچى مىجەزى بىلەن جەمئىيەتتە تونۇلغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇ ساقچىخانىغا بېرىشنى تېلېفوندا رەت قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كېچىدە ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن، ئەركىن سۇلايمان ئۆزىنىڭ ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، شۇڭا «تەربىيەلەش» كە بارمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭغا 15 كۈنلۈكلا «تەربىيە» لىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتقان، ئەركىن سۇلايمان 15 كۈنلۈك دەپ «تەربىيەلەش» كە ئەكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ھېچبىرسىنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغانلىقى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تەربىيەلەش» كە بېرىشنى رەت قىلغان ۋە بۇ رەت قىلىشى سەۋەپلىك بېشىغا كېلىدىغان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە ئۆزىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇ چاغدا ئىككى ساقچى ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالغان ۋە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

كورلادىكى بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىغا ئەكىتىلگەن كۈنىنىڭ دەل7 ‏-ئاينىڭ8 ‏-كۈنى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولىشىچە، شۇ كۈنى ساقچىلارنىڭ پەيلىدىكى بۇ شۇملۇققا شاھىت بولغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئەركىن سۇلايماننىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ جاسارەت قىلالمىغان. ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ساقچىلار ئەركىن سۇلايماننىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېلىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرغان ۋە داغدۇغسىز ھالدا يەرلىكىدە قويۇشقا بۇيرۇغان.

ئىنكاستا يەنە دىيىلىشىچە، ئەركىن سۇلايماننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلگەن1 ‏-ئاۋغۇستتىن تا بۈگۈنگە قەدەر، ئەركىننىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۇرالغۇسى، شۇنداقلا ئەركىننىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلغان زارەتگاھلىق ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا ئىكەن. ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ئەركىن سۇلايماننىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ چىقىۋاتقان گۇمانلىق پەتىچىلەرنى كۆزىتىپ نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ھازىرغىچە 7-8 گىچە كىشىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، ئەركىن سۇلايماننىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئەمما ئۇ ئەركىن سۇلايماننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى، جۈملىدىن قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، سەۋەبنى ئۆزلىرىنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن سۇلايماننىڭ ئۆتكەن ئايدا تۇتۇلغانلىقى ۋە ساقچىخانىدا سوراقتىكى مەزگىلىدە ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سوراق جەريانى ۋە ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەركىن سۇلايمان لاگېرغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىخانىغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن جەسىتى قايتۇرۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ بېشىغا ساقچىخانىنىڭ ئىچىدە نېمە كەلگۈلۈكلەرنىڭ كەلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.