Responsive Image

ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى، دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىدە «تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى

ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى، دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىدە «تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

18-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3-قېتىم «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرگۈزمەي قايتۇرۇۋېتىشىنى تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا ئۆكتىچى پارتىيەلەر قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاڭلار، بىزمۇ بىلەيلى. راستىنىلا ھەققانىي بىر سەۋەبى بارمۇ؟ ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىڭلارنى ئاز دەپ، خىتايدىن يول يورۇق ئېلىشقا باشلىدىڭلارمۇ؟ بۇلارنى ھەممىمىز بىلىپ قالايلى».

ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن بايان ئېلان قىلىپ، دولقۇن ئەيسانى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەشتى. ئارقىدىن 20-سېنتەبىر كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى ئوقۇتان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنيادا ئاڭلىتىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ھەق ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىدۇر. ئۇ، تىنچلىق كۆرەشچىسىدۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى تۈركىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەت قولىدا تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرۋال دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقارغان قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى 2018-يىلى بىكار قىلىنغان تۇرسا، مەزكۇر ئەھۋالنى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر نەزەردە تۇتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكى تۈركىيەگە پەقەتلا ياراشمىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. قىسقىسى تۈركىيەنىڭ بۇ قىلغانلىرى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق ئۈچۈن نومۇس ئىشتۇر. بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ھازىر ئەنقەرەدە بالنىستا يېتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىننى يوقلاش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى كېلەچەك پارتىيەسىدۇر. كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىل بۇرۇن دولقۇن ئەيساغا بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ قويۇلۇشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلغان ۋاپاسىزلىقى، دولقۇن ئەيساغا قىلغان نومۇسلۇق ئىشتۇر. مەن ھۆكۈمەتكە شۇنى دېمەكچىمەن مۇسۇلمان ئىزدىسەڭلار شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان ھەمدە ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلق، دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى ئەنقەرە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان تۇرۇقلۇق نېمىشقا كىرگۈزمەيسىلەر؟ بۇ تۈركىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسادىن ئەپۇ سورۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز كېلەچەك پارتىيەسى بولسۇن سۈپىتىمىز بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغانلىرىدىن نومۇس قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ ئاتا يۇرتىمىزدىن كەلگەن كىشىلەرنى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكى بىزنى قاتتىق رەنجىتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىپ ئەپۇ سورىشى كېرەك».

1995-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىمۇ قوللاۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلى دولقۇن ئەيسانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەننى باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلەپ ئانتاليا ئايرىدرومدىن قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، 2016-يىلى 10-ئايدا تۈركىيەگە كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ ئىستانبۇلدىن قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سوتىغىمۇ قاتناشتۇق، ھۆكۈمەت كىمنىڭ بېسىمى بىلەن سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ ئۇنى بىلەلمىدۇق. لېكىن بۇنى بوش قويۇپ بەرمەي دولقۇن ئەيسا تۈركىيەگە كىرەلىگىچە كۈرەش قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىش كېرەكلىكىنى ھۆكۈمەتكە دەيمىز».

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرۋال خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بىراق ئىنتېرۋال بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغانىدى. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق تۈركىيەنىڭ 15 يىلدىن بۇيان دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.